قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسسالام
يۈز مەشھۇر شەخىس
مىلادىدىن ئالتە يىل ئىلگىرى - مىلادى 30 - يىل
مەنىۋى ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى يولباشچى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسىرى پۈتۈنلەي ئەخلاقىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى ساھەدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
قىددىي ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. پەقەت قىسمەن ئادەملەرلا بۇ ئىسملىكتە ئۇنى بۇنداق ئالدىنقى قاتارغا قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ. لېكىن بەزىلەر، نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويمايمىز؟ دەپمۇ سورىشىدۇ.
شۈبھىسىزكى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاساسىي نەزەرىيە ۋە كىشىلەرنىڭ ئىش - ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىشتىن سىرت، يەنە خرىستىئان دىنىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق ئىدىئولوگىيىسىنى ھەۋارىيون پائۇل مۇكەممەللەشتۈرۈپ چىقتى. قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسسالام مەنىۋى جەھەتتىكى بۇرچنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. پائۇل بولسا ئۇنىڭ بىر قىسمىنى تولۇقلاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن <ئىنجىل> نىڭ بىر قىسمى بولغان <گوسپېل> شەكىللەندۈردى. پائۇلمۇ مىلادى Ⅰ ئەسىردىكى خرىستىئان دىنىنى تەرغىپ قىلغۇچى تايانچلاردىن ئىدى.
ساكيامونى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەكسىچە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندە تېخى ياش ئىدى. ئۇنىڭ ھەۋارىيونلىرىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، يەھۇدىيلار گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللەندى. بىراق، ھەۋارىيون پائۇلنىڭ خەت - چەكلىرى ۋە ئۇنىڭ ھەرخىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، خرىستىئان دىنىنى تەۋرەنمەي تەرغىپ قىلىشىدىن، ھېلىقى بىر گۇرۇپپىنىڭ ئىش - ھەرىكىتى بىر خىل ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي بولمىغانلارنىڭمۇ ئارىسىغا تارقالدى؛ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇ خىل ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، نەتىجىدە، خرىستىئان دىنى ئاخىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
شۈبھىسىزكى، ئىيسا يۈكسەك، ساپ ئىدىئولوگىيىگە ئىگە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: <كىشىلەر سىلەرگە؛ قولۇم - قوشنىلىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، دۈشمىنىڭلارغا نەپرەتلىنىڭلار!> دېسە، مەن سىلەرگە: <دۈشمىنىڭلارنى سۆيۈڭلار، بەختسىزلەرگە بەخت تىلەڭلار!> <سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، سىلەرنى ئەزگەن، ئېكسىلاتاتسىيە قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار!> دەيمەن.
ئىيسا يەنە مۇنداق دېگەنىدى: <سىلەر يامان ئادەملەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەڭلار؛ ئەگەر بىرسى سىلەرنىڭ ئوڭ يۈزۈڭلارغا بىر شاپىلاق ئۇرسا، سىلەر ئۇنىڭغا سول يۈزۈڭلارنى تۇتۇپ بېرىڭلار>.
گەرچە بۇ خىل ئىدىيە كىشىلەر بىلىدىغان ئىدىيە ئىچىدە ئالىي ئۆلچەملىك ئىدىيە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا بىرمۇ ئادەم ئەمەل قىلغان ئەمەس؛ ئەگەر ھەممە ئادەم بۇ ئىدىيىگە ئەمەل قىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بىز قىلچە ئىككىلەنمىگەن ھالدا ئىيسانى بۇ ئىسىملىكلەرنىڭ ئەڭ ئالدىغا قويغان بولاتتۇق.
بۇ خىل ئىدىيىنى كەڭ - كۆلەمدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنى قوبۇل قىلىشمۇ قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. خرىستىئانلار؛ بۇ پرىنسىپلار ئۆلچەملىك پرىنسىپلار بولسىمۇ، بىراق بۇ بىز ياشاۋاتقان يەر شارىدىكى ئاھالىلەرنى يېتەكلەشكە ماس كەلمەيدۇ. بىر بۇ پرىنسىپلارنى ئىجرا قىلمايمىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز. ئەۋلادلىرىمىزنىمۇ ئۇنى ئىجرا قىلىشقا تەربىيىلىمەيمىز، دەپ قارايدۇ. خرىستىئان دىنىنىڭ كارامەت تەلىماتلىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەلىمات سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق، ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن يەنىلا سىناقتىن ئۆتمىگەن پىكىرلەردۇر.
قىددىي ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى، كۆپ ساندىكى كىتابخانىلارغا تونۇشلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، قايتا تەكىتلەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. بىراق، مۇنداق بىرنەچچە نۇقتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئالدى بىلەن، بىزگە بولغان قىددىي ئىيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى كۆپىنچە ماتېرىياللار ھەقىقىي ئەمەس، قىسقىسى، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ئىيسانىڭ تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان يىل - ئايلىرىمۇ تېخى نامەلۇم؛ شۇندق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئىيسا يازما خاتىرە قالدۇرمىغان. ئۇنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرىياللار <ئىنجىل> دىكى قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە قىلىنغان بايانلاردىن ئېلىنغان.
ئەپسۇسكى، <ئىنجىل> نىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئۆز - ئۆزگە ئۆزى زىت كېلىدۇ. قىسقىسى، قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاپوسىلېلىرىدىن لوئۇكاس بىلەن ماددايلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈشىدىمۇ ئوخشاشلىق بار.
ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزى ياشىغان دەۋرنىڭ ياكى كېيىنكى ئەسىرنىڭ سىياسىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ھېچقانداق نوپۇزغا ۋە تەسىرگە ئىگە ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇ مەنىۋى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتە يولباشچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ تەسىرى پۈتۈنلەي ئىدىئولوگىيە ۋە مەنىۋى تۇرمۇش دائىرىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى.