گالىلېي
يۈز مەشھۇر شەخىس
1563 - 1642
گالىلېي - ئىتالىيىلىك ئالىم. ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدا كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىسى ھەرقانداق ئادەمنىڭكىدىن زور. گالىلېي 1563 - يىلى ئىتالىيىنىڭ بىسا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بىر مەھەل بىسا داشۆسىدە ئوقۇغان، كېيىن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇتىن قالغان؛ گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، 1589 - يىلى داشۆنىڭ پروفېسسورلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئۇ لېپادۋا داشۆسىنىڭ پروفېسسورلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ، ئۇ يەردە 1610 - يىلىغىچە تۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىلمىي كەشپىياتلارنى مۇشۇ يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
ئۇنىڭ ئىلىم - پەندىكى تۇنجى تۆھپىسى مېخانىكا ساھەسىدە ۋۇجۇدقا كەلدى. ئارىستوتېل يېنىك جىسىمغا قارىغاندا ئېغىر جىسىمنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈش سۈرئىتى تېز بولىدۇ، دېگەن نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. نەچچە ئەۋلاد ئالىملار ئارىستوتېل ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قانۇنىيەتتىن گۇمانلىنىپ باققان ئەمەس. بىراق، گالىلېي بۇ قانۇنىيەتنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرمەكچى بولدى. بىر يۈرۈش تەجرىبىلەردىن كېيىن، گالىلېي ئارىستوتېلنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنىڭ خاتالىقىنى بايقىدى. ئەمەلىيەتتە، جىسىم بىلەن ھاۋانىڭ سۈركۈلىشىدىن پەيدا بولغان توسقۇنلۇقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يېنىك جىسىم بىلەن ئېغىر جىسىمنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈش سۈرئىتى ئوخشاش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئارىستوتېلنىڭ ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمىغان جىسىمنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈش سۈرئىتى ئوخشاش بولمايدۇ، دېگەن نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، گالىلېينىڭ بىسا يانتۇ مۇنارى ئۈستىدە ئېغىر جىسىمنى تاشلاش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا ھەرخىل گەپ يار، قارىغاندا بۇ ئىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەستەك قىلىدۇ.
گالىلېينىڭ ئىنېرتسىيە قانۇنىنى بايقىغانلىقى ئۇنىڭ يەنە بىر تۆھپىسى ئىدى. بۇرۇن كىشىلەر جىسىم پەقەت كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. كۈچ بولمىسا جىسىم جىمجىت، تىنچ ھالەتتە تۇرىۋېرىدۇ دەپ قارايتتى. بىراق گالىلېي تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بۇ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. چۈنكى، ئەگەر جىسىم جىمجىت ياكى بىرخىل سۈرئەتتە تۈز لىنىيە بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا تاشقى كۈچنىڭ تەسىرى بولمىسىلا، مەسىلەن، سۈركىلىش كۈچ قاتارلىقلار، جىسىم جىمجىت ياكى تەكشى سۈرئەتتە تۈز لىنىيىلىك ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. نيۇتون بۇ قانۇننى قايتىدىن شەرھىدى ۋە ئۇنى بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنى قىلدى، بۇ فىزىكا ئىلمىدىكى ئاساسىي قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرى.
گالىلېينىڭ ئاسترونومىيىدىكى بايقاشلىرى ھەممىدىن بەك مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ. 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئاسترونومىيىدىكى نەزەرىيىلەر ناھايىتى قالايمىقان بولۇپ، ھەرخىل قاراشلار ئوتتۇرىسىدا بەس - مۇنازىرە ناھايىتى كەسكىن ئىدى. بەزىلەر كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىنى قوللىسا، بەزىلەر يەر مەركەز تەلىماتىنى ھىمايە قىلاتتى. 1604 - يىلى، گالىلېي كوپېرنىكنىڭ توغرىلىقىنى جاكارلىدى. بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ئىسپاتلاپ چىقىشقا ئامالسىز ئىدى. 1609 - يىلى، گالىلېي گوللاندىيىدە تېلېسكوپ ياساپ چىقىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلايدۇ. گەرچە گالىلېينىڭ بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرى ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تالانتى ئۇنىڭ گوللاندىيىلىكنىڭ تېلېسكوپىدىن چوڭ ھەم ياخشى تېلېسكوپ تەتقىق قىلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى. گالىلېي ئۆزى ياسىغان يېڭى قورالى ئارقىلىق، ئۆز ئىقتىدارىنى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىش تەرەپكە بۇرىدى. بىر يىل ئىچىدە، گالىلېي بىر قاتار يېڭىلىقلارنى ئېلان قىلدى.
گالىلېي ئاينى كۆزىتىپ، ئاينىڭ سىلىق بىر شار ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ يۈزىدە بىر يانار تاغ ئېغىزلىرى ۋە ئېگىز تاغلار بارلىقىنى بايقىغانىدى. دەل گالىلېينىڭ يەكۈنىدەك، بارلىق ئاسمان جىسىملىرى سىلىق بولماستىن، يەر شارىغا ئوخشاش ئېگىز - پەس بولىدۇ. ئۇ سامان يولىنى كۆزىتىپ، ئۇنىڭ تۇمانلىق ئاسمان جىسىمى بولماستىن، بەلكى بىزدىن ناھايىتى يىراق تۇرىدىغان، قارىماققا بىر پارچە بۇلۇتقا ئوخشاپ كېتىدىغان، بىر قانچە غايەت زور ئاسمان جىسىملىرىدىن تەشكىل قىلىنىدىغانلىقىنى سەزدى. ئۇ يەنە ساتۇرىندا نۇر ھالقىسى بارلىقىنى، قۇياش يۈزىدە داغ بارلىقىنى بايقىغانىدى.
گالىلېي ئالتە يىل سەرپ قىلىپ، مەشھۇر ئەسىرى <ئىككى خىل يېڭى پەننىڭ سۆھبىتى> دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقتى. بۇ كىتاب كوپېرنىكنىڭ يەرنىڭ ھەرىكەت قىلىش تەلىماتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، ۋاتكان دىنىي سوتىنىڭ تەقىپ قىلىشىغا ئۇچرىدى. بىر مەھەل بەس مۇنازىرىدىن كېيىن، ۋاتقان دىنىي سوتى ئۇنىڭ يەر شارى قۇياشنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدۇ دېگەن قارىشىغا جامائەتچىلىك ئالدىدا رەددىيە بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. بۇ چاغدا ئۇ 69 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ جامائەتچىلىك ئالدىدا ئەيىبلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە تا بۈگۈنگىچە كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ئېقىپ يۈرىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەرگە تىكىلگىنىچە بىر نېمىلەرنى پىچىرلاپ تۇرغانىكەن. ئۇ ئاچتېردە ئۆزىنىڭ مېخانىكا توغرىسىدىكى يېزىقچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، 1642 - يىلى 78 يېشىدا بۇ شەھەردە ۋاپات بولىدۇ.
گالىلېي، تەجرىبە ئارقىلىق نەزەرىيە يەكۈنىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان تۇنجى ئالىم. ئۇ تەجرىبىدىن ئۆتمىگەن ئىلىم - پەن ئىدىيىلىرىگە، گەرچە بۇ ئىدىيىلەر چېركاۋنىڭ ياكى ئارىستوتېلنىڭ بولغان بولسىمۇ قەتئىي ئىشەنمەيتتى.