UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرفېرمى

فېرمى

يۈز مەشھۇر شەخىس 1901 - 1954 تۇنجى ئاتوم يادرو رېئاكتورىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى فېرمى 1190 - يىلى، ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ، 21 يېشىدا فىزىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 26 يېشىدىلا رىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى پەنلىرىنىڭ پروفېسسورى بولغان، بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۆزىنىڭ فىزىكا تەتقىقاتىغا ئائىت تۇنجى ئەسىرى <كۋانت ستاتىستىكىسى> نى ئېلان قىلغان. ئۇ نېيترون بىلەن بومباردىمان قىلغاندا ھاسىل بولىدىغان نۇرغۇن يېڭى رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى ئۈچۈن ھەمدە ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى تۆۋەن بولغان نېيتروندىن پايدىلىنىپ يادرو رېئاكسىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كەشپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1938 - يىلى، فىزىكا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ مەزگىللەردە ئۇ ئۆز ۋەتىنى ئىتالىيىدە ئازاب - ئوقۇبەتلەرگە دۇچ كەلگەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى يەھۇدىي ئىدى، مۇسسولىن باشچىلىقىدىكى فاشىست ھۆكۈمەت يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. فېرمى مۇسسولىننىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە نەپرەتلىنەتتى. 1938 - يىلى 12 - ئايدا، ئۇ ستوكھولمغا بېرىپ، مۇكاپات ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىتالىيىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ، نيۇ - يوركقا بېرىپ، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇنىۋېرسىتېت دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسىنى تولۇقلاشنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتى. 1944 - يىلى فېرمى ئامېرىكا پۇقراسى بولىدۇ. 1939 - يىلى، گېرمانىيە ئالىملىرى ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى تۆۋەن بولغان نېيترون ئارقىلىق ئۇراننى بومباردىمان قىلىپ، ئۇران يادروسى بىمىرىلگەندە غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشى بىلەن فېرمى ئۇران يادروسى يىمىرىلگەندە كۆپ مىقداردا نېيترون قويۇپ بېرىپ زەنجىرسىمان يادرو رېئاكسىيىسى پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى دەرھال ھېس قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت فېرمى يەنە بۇ خىل زەنجىسىمان رېئاكسىيىنى ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى دەرھال ئالدىن مۆلچەرلەيدۇ. 1939 - يىلى فېرمى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارنى ئاتوم قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتوم ئېنېرگىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتوم ئېنېرگىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، فېرمىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ئۆزلۈكىدىن داۋاملىشىدىغان زەنجىسىمان يادرو رېئاكسىيىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىدۇ ۋە فېرمىنىڭ دۇنيادىكى بۇ خىل خىزمەتكە دىققەت قىلغان ئالىملارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، گۇرۇپپا باشلىقلىققا بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى ئاتوم يادرو رېئاكتورىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇ ئاۋۋال كولومبىيە داشۆسىدە خىزمەت قىلىپ، كېيىن چىكاگو داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. 1942 - يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چىكاگو داشۆسىدە ئۆزلۈكىدىن داۋاملىشىدىغان زەنجىرسىمان يادرو رېئاكسىيىسى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورۇندىلىدۇ. بۇ ئاتوم دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن، فېرمى چىكاگو داشۆسىنىڭ يادرو تەتقىقاتىدا تۆھپە ياراتقان پروفېسسورى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ 1954 - يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى بالىسى بار ئىدى. فېرمىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئاتوم رەت نومېرى 100 - بولغان ئېلېمېنت <فېرمىي] MF
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر