مېنېس
يۈز مەشھۇر شەخىس
تەخمىنەن مىلادىدىن 3100 يىل بۇرۇن
مىسىر فىرئەۋىنى مېنېس ناھايىتى يۇقىرى ئابرويغا ئىگە، مىسىرنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد پادىشاھقى ھەمدە مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن تۇنجى ھۆكۈمران...
مېنېس مىسىر بىرىنچى سۇلالىسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد پادىشاھى، ھەمدە مىسرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن تۇنجى ھۆكۈمران بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇزۇن مەزگىل پارلاق رول ئوينىغان دۆلەتنى قۇرغان.
ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋە ئۆلگەن يىللىرى ھەققىدىكى مەنبەلەر ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئومۇميۈزلۈك، ئۇ مىلادىدىن 3100 يىل بۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بارغان دەپ قارىلىدۇ. شۇندىن ئىلگىرى مىسر بىرلىككە كەلگەن. دۆلەت بولماستىن بەلكى ئىككى مۇستەقىل دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇنىڭ بىرى نىل دەرياسىنىڭ شىمالىي يېرىمىدا، يەنە بىرى جەنۇنىي يېرىمىدا ئىدى؛ شمالدىكىسى مىسىر، جەنۇبتىكىسى يۇقىرىقى مىسىر دەپ ئاتىلاتتى. يۇقىرىقى مىسىرنىڭ ئورنى تۆۋەنكى مىسرغا قارىغاندا ئېگىز ئىدى. مېنېس يۇقىرى مېسىردىن بولۇپ تۆۋەنكى مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، <يۇقىرى ۋە تۆۋەن مىسىر> پادىشاھى دەپ ئاتالغان؛ بۇ نام كېيىنكى فىرئەۋىنلەر تەرىپىدىن تەرىپىدىن بىر قانچە ئون يىلغىچە قوللىنىلغان. مېنېس مېمغىسنى قۇرۇپ ئۇنى پايتەخت قىلغان. ئۇ قاھىرەنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ خارابىسى تا بۈگۈنگىچە ساقلانماقتا.
بەزى قەدىمكى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، مېنېسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى 62 يىل داۋام قىلغان، ئېھتىمال بۇنداق دېيىش بىر ئاز مۇبالىغىلەشتۈرگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.
مېنېس دەۋرىدىن ئىلگىرى مىسىرنىڭ مەدەنىيىتى مىسپوتامىيە مەدەنىيىتى (سۇمېر مەدەنىيىتى) گە يەتمەيتتى. لېكىن مىسىرنىڭ بىرلىككە كېلىشى مىسىر قەدىمكى كىشلىرى ئۈچۈن تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كەلگەن ھەر خىل ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىلەر ئارقا - ئارقىدىن ۋۇجۇدقا كېلىپ، كىشىلەرنىڭ قابىلىيىتى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن، تەسۋىرىي يېزىق ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان، بىناكارلىق ۋە باشقا ھۈنەر سەنئەتلەرمۇ راۋاجلانغان. بىر نەچچە ئەسىردىن كېيىن، مىسىر مەدەنىيىتى سۇمېر مەدەنىيىتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىن قېلىشمايتتى. مېنېستىن كېيىنكى 2 مىڭ يىلدا مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە مەدەنىيىتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن ياكى ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان؛ بۇ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان، بىر خىل مەدەنىيەت يۇقىرى پەللىگە يېتەلىگەن دەۋر ھېسابلىنىدۇ.
مىسىر فىرئەۋنى ناھايىتى يۇقىرى ئابرويغا ئىگە ئىدى. مېنېس ئەينى زاماندا يۈز بەرگەن بىر نەچچە ئۇلۇغ ۋەقەدىكى مۇھىم تەسىرگە ئىگە شەخس ھېسابلىنىدۇ. بۇ فىرئەۋن توغرىسىدىكى ماتېرىياللار تولۇق بولمىسىمۇ، ئەمما مۇئەللىپ ئۇنى يەنىلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر مۇھىم شەخس دەپ ھېسابلايدۇ.