شېكېسپېر
يۈز مەشھۇر شەخىس
1564 - 1616
ئەنگىلىيىلىك شائىر، دراماتورگ شېكېسپېر 1564 - يىلى ئەنگىلىيىنىڭ ستراتفورد شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. بىراق ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغانىدى. 18 يېشىدا 26 ياشلىق بىر قىز توي قىلىپ، 21 ياشقا توشماي تۇرۇپلا ئۈچ پەرزەنت كۆرىدۇ.
ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇ لوندۇنغا بېرىپ، ئارتىس، دراماتورگ بولىدۇ. 30 يېشىدا نام چىقىرىشقا باشلايدۇ؛ 34 يېشىدا ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولغانلىقتىن، سەنئەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، يېڭى كۆتۈرۈلگەن دراماتورگ دەپ ئېتراپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە، شېكېسپېر نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر درامىلارنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، <جۇلىئۇس قەيسەر>، <گاملېت>، <ئوتېللو>، <ماكبېت>، <پادىشاھ لېئار> قاتارلىقلار بار.
شېكېسپېر لوندۇندا يالغۇز 20 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئايالى ستراتفوردتا تۇراتتى. 40 ياشقا كىرەي دېگەندە، شېكېسپېر ستراتفوردقا قايتىپ كېلىدۇ. 1616 - يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ توپتۇغرا 52 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ.
شېكېسپېر تەخمىنەن 38 پارچە دراما يازغان، بۇنىڭ ئىچىدە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان كىچىك درامىلارمۇ بار. ئۇ يەنە 154 پارچە 14 مىسرالىق شېئىر، ئۈچ تۆت پارچە داستان يازغان. شېكېسپېرنىڭ زىيادە تالانتى، كارامەت تۆھپىسى، ئالەمشۇمۇل شۆھرىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، مېنىڭچە، بىزنىڭ بۇ 100 مەشھۇر شەخس قاتارىغا ئۇنىڭ نامىنى كىرگۈزمەسلىككە ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. ئۇندىن باشقا، ئۇنى بۇ ئورۇنغا قويۇشىمىزمۇ، ھەرگىز ئۇنىڭ نەتىجىسىگە تۆۋەن باھا بەرگەنلىكىمىزدىن بولغان ئەمەس، بەلكى ئەدەبىيات - سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى شەخسلەر ئادەتتە ئىنسانىيەت تارىخىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغانلىقتىن بولغان. دىنىي داھىي، ئالىم، سىياسىئون، ئېكسپېدىتسىيىچى، پەيلاسوپ ياكى كەشپىياتچىلار، دائىم ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مەسىلەن، ئىلىم پەننىڭ ئىلگىرىلىشى سىياسەت، ئىقتىساد مەسىلىلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى كۆرۈۋالماق ئانچە تەس ئەمەس ھەمدە بۇ دىنىي ئېتىقاد، پەلسەپىۋى قاراش ۋە سەنئەت تەرەققىياتلىرىغىمۇي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شېكېسپېر بارلىق ئەدەبىياتچىلار ئىچىدە تەڭدىشى يوق تالانت ئىگىسى. ھازىرقى زاماندا ۋىرگىل، گومېرلارنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇيدىغانلار ناھايىتى ئاز، بىراق شېكېسپېرنىڭ درامىسىنى قويىدىغانلار بولسا، تاماشىبىنلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇمىغان ياكى درامىسىنى كۆرۈپ باقمىغانلار بولسىمۇ، دراما رولىدا قىلىنىدىغان سۆزلەردىن بىرەر ئىككى جۈملىنى يادلىيالايدۇ. ئۆتكەنكى 400 يىل ئىچىدە، شېكېسپېرنىڭ سەھنە ئەسىرى نۇرغۇنلىغان كىتابخان ۋە تاماشىبىنلارغا شاتلىق بېغىشلىدى؛ شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئەسىرى كېيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە يەنىلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.
گەرچە شېكېسپېر ئىنگىلىز تىلىدىلا ئەسەر يازسىمۇ، ئۇ يەنىلا دۇنياغا مەشھۇر شەخس. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىندى، ئۇنىڭ سەھنە ئەسىرى نۇرغۇن ئەللەردە قويۇلدى.