فېمىڭ
يۈز مەشھۇر شەخىس
1881 - 1955
پېنتسىللىننى كەشپ قىلغۇچى فېمىڭ 1881 - يىلى ئەنگىلىيىنىڭ روشىپىد دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ لوندۇن سانتا - مارىيە تىببىي ئىنستىتۇت پۈتتۈرۈپ، ئىممۇنىتېت ھادىسىسى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فېمىڭ ھەربىي دوختۇر بولۇپ، يارا يۇقۇملىنىشى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ، نۇرغۇنلىغان دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە نىسبەتەن بولغان زىيىنى باكتېرىيە ئۆلتۈرگۈچىنىڭ كۈچىدىنمۇ زور ئىكەنلىكىنى بايقاپ، داۋالاشتا ھەم باكتېرىيە ئۆلتۈرەلەيدىغان ھەم ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە زىيىنى بولمايدىغان بىر خىل ماددىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەنگەن.
ئۇرۇشتىن كېيىن، فېمىڭ سانتا - مارىيە دوختۇرخانىسىغا قايتىپ كېلىدۇ. 1922 - يىلى ئۇ تەتقىقات جەريانىدا شىلىمشىق پەردە بىلەن كۆز يېشىدىن تەركىب تاپقان بىر خىل نەرسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە زىيىنى يوقلۇقىنى ھەمدە قىسمەن باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان، ئەپسۇسكى بۇ نەرسە ئۆلتۈرەلەيدىغان باكتېرىيىلەر ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان باكتېرىيىلەر ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇ بايقاش گەرچە ناھايىتى قىزىقارلىق بولسىمۇ، بىراق ئەھمىيەتسىز ئىدى.
1928 - يىلى فېمىڭ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ بايقىشىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا بىر خىل زەمبۇرۇغ بىلەن بۇلغىنىشنى مەخسەت قىلغان باكتېرىيە يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، زەمبۇرۇغ ئەتراپىدا باكېترىيە يوق بىر دائىرە بارلىقىنى بايقايدۇ. فېمىڭ بۇنىڭدىن مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئاشۇ خىل زەمبۇرۇغ بىر خىل زەھەرلىك ماددا ئىشلەپ چىقىرىپ، باكتېرىيىنى ئۆلتۈرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە بۇنداق زەھەرلىك ماددا يەنە بىر نەچچە خىل زەھەرلىك باكتېرىيىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. فېمىڭ زەمبۇرۇغنىڭ نامى بىلەن بۇ خىل زەھەرلىك ماددىنى <پېنتسىللىن> دەپ ئاتايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئادەم ۋە ھايۋانغا زىيىنى يوقلۇقىنى بايقايدۇ.
1929 - يىلى فېمىڭ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ. بىراق دەسلەپتە ئۇنىڭغا ھېچكىم ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. فېمىڭ پېنتسىللىننىڭ داۋالاشتا تەتبىقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بىراق ئۇ پتنتسىللىنى ساپلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئاجايىپ دورا 10 يىلغىچە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىغانىدى.
30 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگىلىيىلىك ئىككى مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى B.E چېنېن بىلەنW . H فىلورى تاسادىپىي ئەھۋال ئاستىدا فېمىڭنىڭ پېنتسىللىن ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ قالىدۇ ۋە قايتا تەجرىبە ئىشلەپ كۆرۈپ، بۇ نەزەرىيىنىڭ توغرىلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن پېنتسىللىننى ساپلاش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىدە بۇ دورىنى تەجرىبە قىلىدۇ. 1945 - يىلى كېلىنىك تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىپ، بۇ خىل دورىنىڭ ھەقىقەتەن كارامەت ئۈنۈمى بارلىقىنى بايقايدۇ.
ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن، دورا شىركەتلىرى بۇ ساھەگە كىرىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي پېنتسىللىننى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقتى. دەسلەپتە، پېنتسىللىن پەقەت ئۇرۇشتا يارىدار بولغانلارنى قۇتقۇزۇشقىلا ئىشلىتىلەتتى. 1944 - يىلىغا كەلگەندە ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكىدا ئاۋامغىمۇ بېرىلدىغان بولدى. 1945 - يىلى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا، پېنتسىللىن دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلىدىغان بولدى.
پېنتسىللىننىڭ بايقىلىشى باشقا باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە ئىلھام بولدى. شۇنىڭ بىلەن باكتېرىيىگە قارشى نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ - غارايىپ دورىلار بايقالدى. بىراق، پېنتسىللىن ئەڭ كەڭ تارقالغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئانتىبئوتىك دورىدۇر.
پېنتسىللىننىڭ باكتېرىيىگە قارشى ئاساسلىق دورا سۈپىتىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ كۆپ خىل باكتېرىيىلەرنى يوقىتالايدۇ، ئۇنى سىفىلىس، سۆزنەك، سكارلاتىنا، بۇغما، يەللىك گانگرېنانى داۋالاشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ياللۇغلىنىشلارنى، مەسىلەن، بۇغۇم ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، مىڭە پەردە ياللۇغى (مېنىنگىت)، قان زەھەرلىنىش كېسىلى، كۆز يارىسى، سۆڭەك ياللۇغى، كاناي ياللۇغى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاشقا بولىدۇ.
پېنىتسىللىننىڭ يەنە بىر پايدىلىق يېرى شۇكى، كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ پەرقى ناھايىتى زور. كۈنىگە 50 مىڭ مىقداردا ئۇرسا بەزى كېسەللىكلەرگە شىپالىق بېرىدۇ، كۈنىگە 100 مىليون مىقداردا ئۇرسىمۇ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. قىسمەن ئادەملەرنىڭ پېنتسىللىنگە رېئاكسىيە بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، بىراق بۇ ھامىنى ئاز سانلىقلارنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلارغا پېنىتسىللىن شىپالىق بېرىدۇ.
پنىتسىللىن مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، فېمىڭنىڭ ئورنى زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلدى. گەرچە چېنېن بىلەن فىلورى بۇ شۆھرەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق بولسىمۇ، بىراق، مېنىڭچە پېنتسىللىننىڭ بايقىلىشى يەنىلا فېمىڭگە مەنسۇپ، ئەگەر فېمىڭ بولمىغان بولسا پېنتسىللىننىڭ بايقىلىشى يەنە نەچچە يىل كېچىككەن بولاتتى.
فېمىڭنىڭ ئائىلىسى بەختلىك ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئائىلە، ئۇ بىر پەرزەنت كۆرگەن، 9451 - يىلى ئۇ چېنېن، فىلورى بىلەن بىرگە نوبېل بىئولوگىيە ۋە تىببىي پەنلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فېمىڭ 1955 - يىلى ۋاپات بولدى