ماچىپاۋېل
يۈز مەشھۇر شەخىس
1469 - 1527
ئىتالىيىلىك سىياسىئون، پەيلاسوپ ماچىپاۋېلنىڭ نام - ئاتىقى ئانچە ياخشى ئەمەس. ئۇ ھۆكۈمرانلارنى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالدامچىلىق، ھىيلە - مىكىر، سۇيىئىستېمال قىلشقا تاينىشقا، شۇنداقلا رەھىمسىزلىك بىلەن زورلۇق قىلىشقا دەۋەت قىلغانىدى. ئۇنىڭغا كىشىلەر ناھايىتى كۆپ باھا بەرگەنىدى بەزىلەر ئۇنىڭغا رەدىيە بېرىپ ئۇنى سۆكىدۇ، بەزىلەر ئۇنى مەدھىيلەپ، ئۇنى رېئالىزمچى، جاھىللىق خاراكتېرىگە ئىگە، بوي سۇندۇرۇش قىيىن ئادەم، ئۇ دۇنيانى ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن، دەپ قارايدۇ. ئەسەرلىرى پەيلاسوپلار ۋە سىياسىئونلار تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىنىدىغان ئەدىبلەر ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، ئەمما ماچىپاۋېل بولسا دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ماچىپاۋېل 1469 - يىلى ئىتالىيىنىڭ فلورېنىسيە دېگەن جايىدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى ئادۋۇكات بولۇپ، دۆلەتمەن ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، لېكىن دادىسىنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، تۆت تامدىكى كىتابتىن باشقا ھېچ نەرسىسى قالمىغان.
ماچىپاۋېل ھايات ۋاقتىدا گۈللىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەۋرىدە تۇرغان ئىتالىيە نۇرغۇن كىچىك ئېمراتلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، فرانسىيە، ئىسپانىيە ياكى ئەنگىلىيىلەرگە ئوخشىتىپ كېتەتتى. گەرچە مەدەنىيىتى يەنىلا جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن دۆلەت كۈچى خېلىلا ئاجىزلىشىپ كەتكەنىدى.
ماچىپاۋېلنىڭ ياشلىق دەۋرىدە فلورېنسىيىگە مېدىسى جەمەتى ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، ئەڭ مەشھۇر ھۆكۈمرانى لورىنزو ئىدى. 1493 - يىلى لورىنزو ۋاپات بولىدۇ. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن مېدىسى جەمەتى فلورېنسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، جۇمھۇرىيەت دۇنياغا كېلىدۇ. 1498 - يىلى ماچىپاۋېل 2 - دۆلەت پالاتاسىنىڭ ئەمەلدارى بولىدۇ. كېيىن جۇمھۇرىيەت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەپ، تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىگە مەسئۇل بولىدۇ. دىپلوماتىيە ۋەزىپىسى بىلەن فلورېنسىيىگە ۋەكىل بولۇپ، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە 14 يىل ئەلچى بولۇپ تۇرىدۇ.
1512 - يىلى فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلىدۇ. مېدىسى جەمەتى قايتىدىن فلورېتسىيىنىڭ خوجايىنى بولىدۇ. ماچىپاۋېل بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 1513 - يىلى فلورېنسىيىدە مېدىسى جەمەتىگە قارشى بىر قېتىملىق قەستلەش ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ، بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقتىن تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. قىيناپ سوراق قىلىش جەريانىدا ئۇ باشتىن - ئاخىر ئۆزىنى گۇماھسىز دەپ تۇرۇۋالغانلىقتىن ئاخىرى قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ قۇرۇق قول بولۇپ، فلورېتسىيە ئەتراپىدىكى ئەجدادلىرىدىن قالغان بىر قورۇقتا پاناھلىنىپ، بۇش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى 14 يىلدا ماچىپاۋېل نۇرغۇن كىتابلارنى يازىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى 1513 - يىلى يازغان <پادىشاھلار ھەققىدە> دۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە <ئۇرۇش تاكتىكىسى ھەققىدە>، <فلورېنسىيە تارىخى> ۋە دراما <ئىت ياڭىقى گۈلى> قاتارلىقلار بار. ئۇ يازغان <ئىت ياڭىقى گۈلى> دېگەن بۇ دراما تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سەھنىلەردە پات - پات ئوينىلىپ كەلمەكتە.
<پادىشاھلار ھەققىدە> ماچىپاۋېلنىڭ نام - شۆھرىتىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن جۇلالىنىپ تۇرىدىغان، ئىنتايىن كەڭ تارقالغان پەلسەپىۋى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ماچىپاۋېلنىڭ خوتۇنى ۋە ئالتە بالىسى بار ئىدى. ئۇ 1527 - يىلى 58 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
ئۇنىڭ <پادىشاھلار ھەققىدە> دېگەن ئەسىرى دۆلەتتىكى ھاكىميەت تۇتقۇچىلارغا قىلغان نەسىھەتتۇر. كىتابتىكى ئاساسلىق نۇقتىئىنەزەر شۇكى: ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولىدىكەن. ئۇھالدا ئەخلاقىي كۆز قاراشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قورال كۈچى ۋە تەدبىرگە تاينىشى لازىم. ئۇ دۆلەتتە خىل قورال - ياراقلارنىڭ بولۇشىنى، قوشۇننىڭ چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يەرلىكلەردىن تاللىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ياللانما قوشۇن ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوشۇنىغا تايانغاندا دۆلەت مۇقەررەر يوسۇندا ئاجىزلىشىپ خەتەرگە يۈزلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ.
ماچىپاۋېل پادىشاھلارنى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن باشقا كۈچ چۈشكەندە ھېچكىمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، پاناھلانغۇدەك جايمۇ تاپقىلى بولماي قالىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى دەسلەپتىلا قوراق ئوينىتىپ ھەيۋە قىلىشى لازىم؛ دەسلەپتىلا قورال كۈچىنى نامايان قىلىش كېيىنكى كۈنلەردە ھەر كۈنى قورالنى ئىشقا سېلىپ يۈرمەسلىك ئۈچۈندۇر. ياخشى ئىش ۋە پايدىدىن خەلقنى ئاز - ئازدىن بەھرىمەن قىلىش لازىم. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا بىر قانچە ياراملىق ۋەزىر ۋە ياردەمچىلىرى بولۇشى لازىم. ئۇ پادىشاھلارغا باشقىلارنىڭ خۇشامەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ھەمدە قانداق قىلغاندا بۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىق مەسلىھەت بېرىدۇ.
ئۇ يەنە پادىشاھلارغا ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتى زىت كېلىپ قالغاندا ئېتىقاد ۋە دىنغا قاراپ ئولتۇرماسلىق ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ماچىپاۋېل ئىتالىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈكىدىن ئىنتايىن ھەسرەتلىنەتتى. ئۇ ھەممە جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن بىرەر پادىشاھنىڭ تەختكە چىقىپ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلاتتى.
ماچىپاۋېلغا ئەخلاق نۇقتىئىنەزەرىدىن باھا بەرگەندە ئۇنى تەسىرى ۋە نوپۇزىنى يوقاتقان كىشى دېيىشكە بولمايدۇ.
گەرچە مۇلىسسولىنمۇ ماچىپاۋېلنى تەرىپلىگەن ئاز سانلىق سىياسىئونلاردىن بىرى بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن مەشھۇر كىشىلەر ماچىپاۋېلنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ناپولېئون ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن <پادىشاھلار ھەققىدە> ناملىق كىتابنى ئايرىمايدىكەن، شۇنداقلا گىتلېر ۋە ستالىنلارمۇ بۇ كىتابنى دائىم ئوقۇيدىكەن.