UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرپىزاررو

پىزاررو

يۈز مەشھۇر شەخىس 1475 - 1541 پىزاررو ئىسپانىيلىك ساۋاتسىز ئاۋانتيۇرىست، پېرو ئىنكا ئىمپېرىيىسىنى بويسۇندۇرغۇچى. ئۇ 1475 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ تروخىلئو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆز شېرىكى كورتېسقا ئوخشاشلا نام - مەنپەئەت قوغلىشىپ يېڭى زېمىنغا ئاتلىنىپ، 1502 - يىلدىن 1509 - يىلغىچە كارايىپ دېڭىزدىكى گايتى ئارىلىدا ياشىغان. 1515 - يىلى بارۋىئا يېتەكچىلىكىدىكى ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىگە قاتنىشىپ، تىنچ ئوكياننى تاپتى. ئۇ 1519 - يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان پاناما شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى. پىزاررو 47 يېشىدا بىر ئىسپانىيە ئېكىسپېدىتسىيىچىسىدىن پېرودا ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ كورتېسىنىڭ مېكسىكىنى بويسۇندۇرغانلىق خەۋىرىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، ئىنكا ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ 1524 - يىلدىن 1525 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇشى مۇۋەپپەقىيەتسىز بولىدۇ، ئىككى كېمە پېروغا يېتىپ بارالماي ئەسلى ئورنىغا قايتىپ كېلىشىگە مەجبۇر بولىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرىدە پېرو كۈمۈش، چارۋا - مال ۋە ئۇ يەردىن قولغا چۈشۈرگەن بىر مۇنچە ئىندىئانلارنى ئېلىپ قايتىدۇ. 1528 - يىلى، پېزاررو ئىسپانىيىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئىسپانىيە كورۇلى پېرونى بويسۇندۇرۇپ، ئىسپانىيىچە قارىتىشقا ئىجازەت بېرىدۇ ھەمدە ئۇنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. پىزاررو پاناماغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قوشۇن تەشكىللەپ، 1531 - يىلى 1 - ئايدا پانامادىن پېروغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ 56 ياشقا كىرىپ قالغانىدى. ئۇ ئاران 200 دەك ئادىمى بىلەن 6 مىليون ئاھالىغا ئىگە ئىنكا ئىمپېرىيىسىنى بويسۇندۇرماقچى بولىدۇ. ئىككىنچى يىلى، پىزاررو ئاران 177 ئادەم، 62 ئات بىلەن پېروغا يېتىپ بېرىپ، ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئاتاخورپا تۇرۇشلۇق شەھەر كاخاماركىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ پادىشاھنىڭ يېنىدا 40 مىڭ ئەسكەر بار ئىدى. پىزاررو ئاتاخورپانى ئالدايدىغان زەھەرلىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن (تەخمىنەن 40 مىڭ كىشى)بىللە قورال ئالماي، ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاتاخورپا ئەسلى بۇ تۇزاققا چۈشمەسلىكى كېرەك ئىدى. مېنىڭچە، ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى بۇ ئىشتا پۈتۈنلەي نادانلىق قىلىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن پېزاررو بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قۇرۇق قول ئەسكەرلەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، يېرىم سائەت ئىچىدىلا ئىنكا ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇجۇقتۇرۋېتىدۇ. باتۇرلۇق، ھىيلە - مىكىر ۋە ۋاپاسىزلىق پىزاررونىڭ ۋۇجۇدىدا گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. بىراق، پىزاررو بۇ پادىشاھتىن پايدىلىنىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش بايلىقىنى تالان - تاراج قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرمىدى. پادىشاھنىڭ قول ئاستىدا ھايات قالغان شۇنچە كۆپ جەڭلەر جان تىكىپ ئېلىشمىدى، چۈنكى ئۇلار ئىلاھ دەپ بىلگەن ئاتا خورپا ئەسىرگە چۈشكەنىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. پىزاررو ئىنكا خەلقىنىڭ پادىشاھىنى ئاسانلا ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ قورچىقىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. دېمەك، شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئىنكا ئىمپېرىيىسى ئاخىر ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنىدۇ. 1533 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، پىزاررو ئاتاخورپانى ئۆلتۈرۋېتىدۇ. 11 - ئايدا، ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختنى بېسىۋالىدۇ. ئىندىكان ئىمپېرىيىسى ئەمەلىيەتتە شۇنىڭ بىلەن يىمىرىلدى. كېيىن، پېزاررو ئۇنى ئەسىرگە ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. لېكىن ئالماگرونىڭ قالدۇق شايكىلىرى 1541 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پىزاررونىڭ لىما (بۇ شەھەرنى ئۇ 1535 - يىلى قۇرغان) دىكى تۇرالغۇسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر
پىزاررو | UyghurWiki | UyghurWiki