UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرمارتىن ليۇتېر

مارتىن ليۇتېر

يۈز مەشھۇر شەخىس 1483 - 1546 مارتىن ليۇتېر 16 - ئەسىردە ئۆتكەن ياۋروپالىق دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى، خرىستىئان دىنى ليۇتېر مەزھىپى (يېڭى دىن) نىڭ بەرپاچىسى. ئۇ 1483 - يىلى تيورىنگىيەنىڭ ساكسونىيە رايونىدىكى ئېسلېبېن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئالىي مەكتەپتە قانۇن ئۆگەنگەن. ئۇ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا، ئېرفۇرتتىكى يوشۇرۇن مۇناستىردا مۇناخ بولدى. كېيىن تېئولوگىيە ئۆگىنىشكە تاللىنىپ، 1512 - يىلى ۋىدبورگ داشۆسىدە تېئولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي مىسسىئونېرلارنىڭ قاتارىغا ئۆتتى، بارا - بارا چېركاۋنى تەنقىد قىلىشقا باشلىدى. 1510 - يىلى ئۇ رىمغا كەلدى. بۇ يەردە قىسمەن مىسسىئونېرلارنىڭ مال - دۇنيا ۋە ئەمەلگە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. ليۇتېرنىڭ چېركاۋغا ئوچۇقتىن ئوچۇق نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە بىرخىل گۇناھتىن ساقىت بولۇش تۇمارى سەۋەبچى بولغانىدى. ئېيتىلىشىچە، بۇنداق تۇمارنى ئالغۇچىلارنى ئالاھىدە ساخاۋەتكە ئېرىشتۈرىدىغان، گۇناھتىن ساقىت بولۇش تۇمارى ئومۇمى كەچۈرۈم قىلىش يىلىدىكى گۇناھتىن ساقىت بولۇش بېلىتى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بۇ خىل گۇناھتىن ساقىت بولۇش تۇمارى كۆرۈنۈشتە سان - پېتر چېركاۋىنى قايتىدىن ياساش ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش ئىدى؛ ئەمەلىيەتتە، مەخپىي كېلىشىم بويىچە، گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىدە سېتىلغان بۇخىل گۇناھتىن ساقىت بولۇش تۇمارىدىن كىرىدىغان كىرىمنىڭ يېرىمى ماينتىستىكى ياش پاترىئارخ ئاپوتقا بېرىلەتتى. چۈنكى، ئۇ ھازىرقى دىنىي ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا ليۇتېرنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىدى. ليۇتېرنىڭ ئەڭ نارازى بولغىنى دومىنگو جەمئىيىتىنىڭ مۇناخى، گۇناھتىن ساقىت بولۇش تۇمارىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بازارغا سالغۇچى تەچىرنىڭ ئاچكۆزلۈكى ئىدى. تەچىرنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا ليۇتېر <95 ماددىلىق تىزىس> نى يېزىپ چىقىپ، 1517 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ۋىدبورگ چېركاۋىنىڭ دەرۋازىسىغا چاپلاپ قويىدۇ. <تىزىس> تا چېركاۋنىڭ چىرىكلەشكەنلىكى ۋە پارىخورلۇقى قامچىلانغان، بولۇپمۇ گۇناھتىن ساقىت بولۇش پائالىيىتى قاتتىق قامچىلانغان، ئۇ چېركاۋنىڭ ھەقىقىي بايلىقى خۇدانىڭ شان - شەرىپى ۋە مېھرى - شەپقىتىنى تەرىپلەيدىغان ئىنجىل، دەپ كۆرسەتكەنىدى. ليۇتېر بىر نۇسخا <تىزىس> نى مىتتېرانغا ئەۋەتىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا <تىزىس> نى كۆپەيتىپ بېسىپ، نۇرغۇن رايونلارغا تارقىتىۋېتىدۇ. ليۇتېرنىڭ چېركاۋغا بولغان ئەيىبلىشى تېزدىن كېڭىيىپ، رىم پاپاسىنىڭ ھوقۇقى ۋە باش چېركاۋغا تېگىشكە باشلايدۇ. دومىنگو جەمئىيىتىنىڭ مۇناخلىرى ليۇتېرنى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. رىم تەرەپتىنمۇ ليۇتېرنى ئۆكتىچى دەپ ئەيىبلىمەكچى بولىدۇ. بىراق، ليۇتېر پاپانىڭ قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئەگەر <ئىنجىل> ياكى كىشىنى قايىل قىلارلىق چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تونۇتالىسا، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ بولمىسا، ئۆز ۋىجدانىغا خىلاپلىق قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ۋىجدانى خۇدانى رايى بىلەن ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 1152 - يىلى 1 - ئايدا، پاپا ليۇتېرغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىدۇ. قىسمەن چېركاۋ ئەزالىرى ۋورمىس پەرمانى بويىچە ليۇتېرنى بۇزغۇچى دەپ جاكارلاپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلەيدۇ. ھۆكۈم بويىچە ليۇتېر تىكەنلىك تۈۋرۈككە باغلىنىپ كۆيدۈرۈلمەكچى ئىدى. بىراق، ليۇتېرنىڭ قارىشى نېمىس خەلقى ۋە قىسمەن كاتتىباشلارنىڭ قوللىشىغا سازاۋەر بولغانىدى. ليۇتېر بىر يىل يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ. بىراق، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ئۇنى چېركاۋنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدى. ليۇتېر نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغانىدى. ئۇ يازغان نۇرغۇن ئەسەرلەر ناھايىتى زور تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ <ئىنجىل> نى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقى ئۇنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ساۋاتى بارلا كىشىلەر چېركاۋ ۋە دىنىي زاتلارغا تايانماي بىۋاسىتە بۇ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇيالايدىغان بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ليۇتېرنىڭ تەرجىمە قىلىش ئۇسلۇبى ۋە ئۇنىڭ ئىشلەتكەن گۈزەل تىللىرى نېمىس تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ياخشى تەسىر كۆرسەتتى. نۇرغۇنلىغان يېڭى دىنىي مەزھەپلەر يەنى يېڭى دىننىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى دىنىي ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى. يېڭى دىن مەزھىپى گەرچە خرىستىئان دىنىنىڭ بىر تارمىقى، يەنى ئانچە چوڭ بولمىغان بىر تارمىقى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ سانى بۇددا دىنى ۋە باشقا ھەرقانداق دىنىنىڭ مۇرىتلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. دىنىي ئىسلاھاتنىڭ ئىككىنچى نەتىجىسى، ياۋروپاغا يامراپ كەتكەن دىنىي ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەسىلەن، گېرمانىيىدە ئۇرۇش 1618 - يىلدىن 1648 - يىلغىچە 30 يىل داۋام قىلدى؛ بۇ ئۇرۇشلار ناھايىتى دەھشەتلىك بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، دىنىي ئىختىلاپلار كېيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە ياۋروپانىڭ سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى. دىنىي ئىسلاھات ياۋروپالىقلارنىڭ تەپەككۇرى ئۇسۇلىغىمۇ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. 1518 - يىلدىن بۇرۇن، ياۋروپادا جامائەتچىلىك ئېتىراپ قىلىدىغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سالغان بىرلا چېركاۋ بار ئىدى، ئۇ رىم كاتولىك دىنى چېركاۋى ئىدى. ئۇ مەزگىللەردە، كىمكى چېركاۋغا قارشىلىق بىلدۈرسە، ئۆكتىچى دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىناتتى. بۇ خىل ۋەزىيەت مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشىگە پايدىسىز ئىدى. دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، كىشىلەر دىنىي ئەركىنلىك پرىنسىپىنى قارشى ئېلىشتى، كىشىلەرنىڭ باشقا مەسىلىلەرنى ئويلىشىغىمۇ ئىمكانىيەت يارىتىلدى. ليۇتېر يەھۇدىيلارغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. ئۇنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى قاتتىق تەلەپپۇزدا يازغان ئەسەرلىرى 20 - ئەسىردە گېرمانىيىدە گىتلېر دەۋرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر
مارتىن ليۇتېر | UyghurWiki | UyghurWiki