UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرگاما

گاما

يۈز مەشھۇر شەخىس 1460 - 1524 گاما پورتۇگالىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى. ئۇ ياۋرۇپادىن يولغا چىقىپ، ئافرىقىنى ئايلىنپ بىۋاستە ھىندىستانغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى تاپقان. دېڭىز ساياھەتچىسى، شاھزادە ھېنرى (1394 - 1460) دەرۋرىدىن تارتىپلا پورتۇگالىيىلىكەر بۇ دېڭىز يولىنى ئىزدەپ كەلگەن. 1488 - يىلى دىئاز باشچىلىقىدىكى كېمە فلوتى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىغا يېتىپ بېرىپ، ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ كۆرگەندىن كېيىن پورتۇگالىيىگە قايتىپ كەلگەن. پورتۇگالىيە كۇرۇلى بۇ قېتىمقى يىراق دېڭىز سەپىرىدىن ھىندىستانغا بىۋاستە بېرىش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزى قىيىچىلىقلارنى يېڭىپ بىر فلوت تەشكىللەيدۇ. بۇ ئەترەت ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان گامانىڭ باشچىلىقىدا ئۇدۇل ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. گاما 1460 - يىلى پورتۇگالىيىنىڭ سابىنوستا تۇغۇلغان. 1497 - يىل 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى گاما تۆت كېمە تەخمىنەن 170 ماتروس ۋە ئەرەب تىلىغا پىششىق بىر نەچچە تەرجىماندىن تەشكىللەنگەن فلوتنى باشلاپ لىسابوندىن يولغا چىققان. فلوت ئاۋۋال يېشىل تۇمشۇق تاقىم ئاراللىرىغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن دىئازنىڭ ئافرىقا دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ ماڭغان يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ، جەنۇبقا قاراپ ئۇدۇل ئاتلانتىك ئوكيانغا قاراپ ماڭغان، خېلى يىراق ئارىلىققا ماڭغاندىن كېيىن، يەنە شەرققە بۇرۇلۇپ ئۈمىد تۇمشۇقىغا يېتىپ بارغان. بۇ ياخشى يول ئىدى. چۈنكى دېڭىزدا يۈرۈش قىلىش تەجرىبىسى ۋە غەيرىتى كەمچىل بولسىمۇ، ئافرىقا دېڭىز بويلاپ ماڭغانغا قارىغاندا تېز بولاتتى. گامانىڭ فلوتى 93 كۈنىگىچە چوڭ قۇرۇقلۇقنى كۆرەلمىگەن، بۇ كولومبونىڭ دېڭىزدا ماڭغان ۋاقتىدا ئىككى يېرىم ھەسسە كۆپ ئىدى. گاما 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كېيىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، ئافرىقا شەرقىي دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ ماڭغان. شىمالغا قاراپ مېڭىش سەپىرىدە ھىندىستانلىق بىر بوتسىمان بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆتۈپ، 1498 - يىل 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى پورتۇگالىيىدىن ئايرىلغىنىغا 10 ئاي بولاي دېگەندە، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ داڭلىق سودا مەركىزى كالىكۇتىغا يېتىپ بارىدۇ. ھىندىستان كونسۇلى زامىل ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. بىراق، بۇ كونسۇل گامانىڭ تەقدىم قىلغان سوۋغىسىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستانغا ماڭىدىغان سودا يولىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمان سودىگەرلىرىمۇ يىراقتىن كەلگەن بۇ مېھماننى قارشى ئالمايدۇ (بۇ ئاپتورنىڭ قارىشى)، شۇڭا گاما كالىكۇتا كونسۇلى زامىل بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. بىراق، گاما گالىكۇتىدىن ئايرىلىش ۋاقتىدا كېمىلەرگە خېلى كۆپ مۇشكى - ئەنبەر قاتارلىق خۇشپۇراق ماتېرىياللار قاچىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن پورتۇگالىيە كورۇلىنى خۇش قىلماقچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر نەچچە ھىندىستانلىقنى ئوغرىلىقچە بىللە ئېلىپ ماڭىدۇ. قايتىش سەپىرى ھىندىستانغا بېرىشقا قارىغاندا تېخىمۇ تەسكە چۈشىدۇ، پەقەت ئەرەب دېڭىزىدىلا ئۈچ ئاي ماڭىدۇ، نۇرغۇن ماتروسلار ئاغرىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئامان قايتىپ كەلگەن پەقەت ئىككى كېمە بولىدۇ. بىرىنچى كېمە 1499 - يىل 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى پورتۇگالىيىگە قايتىپ كېلىدۇ، گامانىڭ كېمىسى ئىككى ئايدىن كېيىن لىسابونغا يېتىپ كېلىدۇ. پەقەت 55 ماتروسلار ھايات قالغان بولۇپ، سەپەر باشلانغان چاغدىكى ماتروسلار ئومۇمىي سانىنىڭ 3/1 گىمۇ يەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، 1499 - يىل 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى گاما لىسابونغا قايتىپ كەلگەن چاغدا ۇ ھەم پادىشاھ ئىككى يىللىق ئېكسپېدىتسىيە سەپىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر
گاما | UyghurWiki | UyghurWiki