UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرجېننېر

جېننېر

يۈز مەشھۇر شەخىس 1749 - 1823 دوختۇر جېننېر چېچەك ئەملەش تېخنىكىسىنى ئىسلاھ قىلغان ۋە ئاددىيلاشتۇرغانىدى. بۇ قورقۇنچلۇق كېسەل - چېچەكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىر خىل تەدبىرى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە - دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيادا چېچەكنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۈگۈنكى كۈندە بىز دوختۇر جېننېرنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىلگىرى چېچەكلىنى نەقەدەر قورقۇنچلۇق كېسەل ئىكەنلىكىنى، ياۋرۇپادىكى كۆپ قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئۆمرىدە بۇ خىل كېسەلنى يۇقتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى، بۇلاردىن 10 - 20 پىرسەنت كىشىنىڭ بۇ خىل كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكىنى؛ 10 - 15 پىرسەنت بىمار ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ چىرايىنىڭ نابۇت بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىز لازىم. چېچەك ياۋرۇپاغىلا تارقىلىپ قالماستىن، شىمالىي ئامېرىكا، ھىندىستان، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ تارقالغان. چېچەك يامراپ كەتكەن جايلاردا بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولاتتى. كىشىلەر چېچەك بىلەن ئاغرىپ ئۆلۈمدىن ئامان قالغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىر خىل ئىممۇنېتىتلىق كۈچكە ئىگە بولۇپ، بۇ خىل كېسەلنى قايتا يۇقتۇرۇۋالمايدىغانلىقىنى بايقىغانىدى. شەرقتىكى ئەللەردە كىشىلەر بۇ خىل بايقاشتىن پايدىلىنىپ، چېچەك كېسلى بىلەن يېنىك دەرىجىدە ئاغرىغان ئادەمنىڭ بەدىنىدىن بىر خىل ماددىنى ئېلىپ، ساغلام ئادەمنىڭ بەدىنىگە ئەملەيتتى. بۇ ساۋات جېننېر تۇغۇلۇشتىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا، ئەنگىلىيىگە تارالغانىدى. جېننېر سەككىز ياش ۋاقىتدا چېچەك ئەملەتكەن. بىراق بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغان. ئادەم چېچىكىنى ئەملەش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل كېسەلگە قارشى كۈچكە ئىگە بولماستىن، بەلكى بۇ خىل كېسەلنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان، بەزى بىمارلارنىڭ يۈزى يەنىلا چوقۇر بولۇپ قالاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولغان ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، يۈزىدە جاراھەت ئىزلىرى قېلىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر ئىدى. جېننېر 1749 - يىلى ئەنگىلىيە گلۇسېستېر ئۆلكىسىنىڭ بېركېلېي شەھىرىدە تۇغۇلغان. 12 يېشىدا بىر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىغا ئەگىشىپ يۈرۈپ ئاناتومىيە ئۆگەنگەن. ئاندىن دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن. 45 يېشىدا ئەنگىلىيە گلۇسېستېر ئۆلكىسىدىكى لاياقەتلىك خروگ بولۇپ قالغان. جېننېر شۇ يەردىكى سۈت ساتقۇچى بىلەن بىر دېھقاندىن: كالا چېچىكى (بۇ ھايۋانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەل بولۇپ، ئادەمگە يۇقىدۇ)ئاغرىغان ئادەم ئادەتتىكى چېچەك كېسلى بىلەن قايتا ئاغرىمايدىغانلىقىنى، گەرچە كالا چېچكىمۇ يېنىك خاراكتېرلىك چېچەك قالدۇرىدىغان جاراھەت ئىزلىرىغا ئوخشاش ئىزلارنى قالدۇرسىمۇ، ئەمما ئادەمگە زىيانلىق ئەمەسلىكىنى ئاڭلايدۇ. جېننېر ئەگەر سۈت ساتقۇچى دېھقاننىڭ گېپى توغرا بولسا، ئۇنداقتا ئادەمگە كالا چېچىكىنى ئەملەش ئارقىلىق ئادەتتىكى چېچەككە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى 1796 - يىلى كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ كالا چېچىكى بىلەن ئاغرىغان بىر كالا ساغقۇچى ئايالىنىڭ بارمىقىدىكى جاراھەت ماددىسىنى ئېلىپ، سەككىز ياشلىق بىر ئوغۇل بالىغا ئەملەيدۇ. دەرۋەقە، جېننېر ئالدىن پەرەز قىلغىنىدەك بالا كالا چېچىكى بىلەن يوقۇملانغان بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى تېزلا ساقىيىپ كەتكەنىدى. بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن جېننېر يەنە بۇ بالىغا چېچەك بىلەن ئاغرىغۇچىنىڭ يىرىڭ قېپى ئىچىدىكى ماددىسىنى چەككەن، جېننېر ئالدىن مۆلچەرلىگەندەك بالا چېچەك بىلەن يوۇملانمىغانىدى. جېننېر قايتا - قايتا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يېزىپ چىقىپ، 1798 - يىلى ئۆزى خىراجەت چىقىرىپ بۇنى نەشر قىلدۇرۇىدۇ. كېيىن جېننېر بۇ مەسىلە توغرىسىدا يەنە نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازدى. نەتىجىدە كالا چېچىكىنى چەكتۈرۈشى بەلگىلەنگەن. بىر مەزگىلدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ خىل ئۇسۇل ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان. جېننېر كەشىپياتتىن بايلىققا ئېرىشىشنى ئويلىمىغانىدى. ئۇ كىشىلەرگە ھەقسىز چېچەك ئەملەپ قويۇپ، ئەنگىلىيە پارلامېنتنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن ھەمدە 1802 - يىلى ئۇنىڭغا ئون مىڭ فوند ستېرلىك مۇكاپات پۇلى بېرىلگەن. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن پارلامېنت ئۇنىڭغا يەنە 20 مىڭ فوند ستېرلىك بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ نامى دۇنياغا تۇنولغان بولۇپ، نۇرغۇن ئودېن ۋە بىر نەچچە خىل شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. جېننېر توي قىلغان، ئۈچ پەرزەنت كۆرگەن. 3182 - يىلى 73 يېشىدا يۇرتى بېركېلېندا ئالەمدىن ئۆتكەن.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر