ناپولېئون
يۈز مەشھۇر شەخىس
1769 - 1821
فرانسىيلىك گېنېرال، فرانسىيلىك تۇنجى ھۆكۈمرانى ۋە ئىمپېراتورى ناپولېئون (1)1769 - يىلى كورسىكا ئارىلىنىڭ ئاياكشو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى ناپولېئون بوناپارت ئىدى. فرانسىيە ناپولېئون تۇغۇلۇشتىن 15 ئاي ئىلگىرى كورسىكا ئارىلىنى بېسىۋالدى. شۇڭلاشقا ناپولېئون فرانسىيىلىكلەرنى ۋەھشىي ئىستېلاتچىلار دەپ ھېسابلايتتى. شۇنداق بولسىمۇ ناپولېئون يەنىلا فرانسىيە ھەربىي مەكتىپىگە كىردى. 1785 - يىلى 16 يېشىدا، ئۇ پارىژ ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈردى، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن فرانسىيە قوشۇنى رافىل پولكى زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنىڭ پودپوروچىكى بولدى. بۇ چاغدا 16 ياشتا ئىدى.
تۆت يىلدىن كېيىن، فرانسىيە ئىنقىلابى پارتىلىدى. ئۇدا نەچچە يىل، فرانسىيە يېڭى ھاكىمىيىتى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشقا چىتىلىپ قالىدۇ. ناپولېئون ئۆز ئىقتىدارىنى 1793 - يىلى تۇلون شەھىرىنى قورشاۋغا ئالغاندا كۆرسىتىشكە باشلايدۇ؛ بۇ شەھەر ئىنگىلىزلارنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولۇپ، فرانسۇزلار بۇ شەھەرنى تارتىۋالماقچى بولىدۇ. زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنىڭ باش قوماندانى يارىلانغانلىقتىن، ناپولېئون بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. بۇ چاغدا، ناپولېئون ئۆزىنىڭ كورسىكا ئارىلى دېگەن ئۇقۇمىنى تاشلاپ، ئۆزىنى فرانسىيلىك دەپ قارايدۇ. ئۇ تۇلۇن ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن برىگادىر گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ 24 ياشقا كىرگەنىدى. 1796 - يىلى، ئۇ فرانسىيىنىڭ ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 1796 - 1797 - يىلغىچە، ناپولېئون نۇرغۇن ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىپ، شەرەپ بىلەن پارىژغا قايتىپ كېلىدۇ.
1798 - يىلى، ناپولېئون ئەسكەر تارتىپ، مىسرغا يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق يۈرۈش ئاپەتلىك بولدى. قۇرۇقلۇقتا ئىستلاچى قوشۇننىڭ يۈرۈشى ھەر ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ؛ بىراق دېڭىز يۈرۈشىدە، فرانسىيە فلوتى ئەنگىلىيە گېنېرالى نارسون قوماندانلىقىدىكى ئەنگىلىيە فلوتى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. 1799 - يىلى، ناپولېئون قوشۇننى مېسىردا قالدۇرۇپ، بىر نەچچە ياردەمچىلىرىنىلا ئەگەشتۈرۈپ، ئىككى تېز يۈرىدىغان زەمبىرەكچى پاراخوتى بىلەن دۆلىتىگە قايتىدۇ. پارىژغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ناپولېئون كىشىلەر ئۇنىڭ ئىتالىيىدە قولغا كەلتۈرگەن بىرقاتار غەلىبىلىرى ئۈستىدىلا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، مىسردىكى سەرگۈزەشتىلىرى ئۈستىدە گەپ بولمىغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ دەسمايىسىگە تاينىپ، ناپولېئون سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتنىشىپ، يېڭى ھاكىميەت قۇرىدۇ، ئۇ تۇنجى ھاكىممۇتلەق بولىدۇ. ئۇ گەرچە يېڭى قانۇن تۇرغۇزغان ھەم خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ۋەھالەنكى بۇ پەقەت ناپولېئوننىڭ ھاكىممۇتلەق بولۇشىنىڭ نىقابى ئىدى.
ناپولېئون تەسەۋۋور قىلغۇسىز تېزلىكتە ھاكىمىيەتنى ئىگىلەيدۇ. 1793 - يىلى 8 - ئايدا تۇلون شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىش ئالدىدا، ناپولېئون نامى چىقمىغان بىر ئادەتتىكى ئوفىتسېر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخى فرانسىيلىك ئەمەس ئىدى، بىراق، قىسقىغىنا ئالتە ئاي ئىچىدە، ئەمدى تېخى 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ناپولېئون فرانسىيىدە تەڭداشسىز. ھۆكۈمران بولۇپ قالدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، فرانسىيىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرى، قانۇن تۈزۈمى ئۈستىدە ئىسلاھات ئېلىپ باردى. مالىيە، ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنى تەڭشىدى. بانكا ۋە فرانسىيە داشۆسى قۇردى. ھوقۇقنى مەركەزگە يىغدى. بۇ ئىسلاھاتلار گەرچە فرانسىيىدە رول ئوينىغان بولسىمۇ، بىراق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ھېچقانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى.
ناپولېئون ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلارنىڭ سىرتقا نىسبەتەن بىر قەدەر تەسىر كۆرسەتكىنى <ناپولېئون> ھېسابلىنىدۇ. بۇ قانۇن فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. مەسىلەن، بۇ قاندا بۇنىڭدىن كېيىن ئىمتىياز مەۋجۇت ئەمەس، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەنلەر بەلگىلەنگەن.
ناپولېئوننىڭ سىياسىتىنىڭ نېگىزى ئۇنىڭ فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ھىمايىچىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتە. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، 1804 - يىلى، ئۇ ئىمپېرىيە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى ناپولېئون Ⅰ دەپ ئاتىغان. ئاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۈچ ئىنىسىنى ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كورۇللۇقىغا ئولتۇرغۇزغان. ئۇنىڭ بۇ خىل قىلمىشى فرانسىيە خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىشى تەبىئىي ئىدى. خەلق ئۇنى فرانسىيە ئىنقىلابى پرىنسىپلىرىنىڭ خائىنى دەپ ھېسابلايتتى. ناپولېئوننىڭ شۇملۇقىدىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتار ئۇرۇشلار كېلىپ چىققانىدى.
1802 - يىلى، ناپولېئون ئەنگىلىيە بىلەن <ئامېن شەرتنامىسى> نى تۈزدى. بۇ شەرتنامە فرانسىيە 10 يىللىق ئۇرۇشىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، فرانسىيىگە ئارام ئېلىش پۇرسىتى بەرگەنىدى. بىراق ئىككىنچى يىلى شەرتنامە بۇزۇپ تاشلاندى. كەينىدىنلا فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار ئۇرۇش پارتىلىدى. گەرچە فرانسىيە قوشۇنى قۇرۇقلۇقتا غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەنگىلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلالمىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى 1805 - يىلى ناپولېئوننىڭ فلوتى ترافالگار ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇش يۈز بېرىپ ئالتە ھەپتىدىن كېيىن، گەرچە ناپولېئون ئوستېرلىتىس جېڭىدە ئاۋسترىيە ۋە چار روسىيە قوشۇنلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ غەلىبلەر فرانسىيىنىڭ دېڭىز ئۇرۇشىدا تارتقان زىيىنىنى تولدۇرالمىدى.
1808 - يىلى، ناپولېئون ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىدا ھېچ بىر مەقسەت بولمىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، فرانسىيە قوشۇنلىرى ساسلىققا قامىلىپ قالغانلىقىدىن ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالدى. ناپولېئوننىڭ ئەخمەقلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەجەللىك خاتالىقى ئۇنىڭ روسىيىگە بولغان ئۇرۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. 1807 - يىلى ناپولېئون روسىيە پادىشاھى بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئىكى تەرەپ <تىلزىت تىنچلىق شەرتنامىسى> تۈزۈشۈپ، مەڭگۈ ئىناق ئۆتۈشكە ۋەدىلىشىدۇ. بىراق، بۇ ئەھدىنامە بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، 1812 - يىلى نوپولېئون <زور قوشۇن> تارتىپ روسىيىگە يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ يۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ھەممىگە ئايان، روسىيە قوشۇنلىرى فرانسۇز قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىشىشتىن ساقلىنىدۇ. ناپولېئون پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇدۇل ئىلگىرىلەپ كىرىۋېرىدۇ. شۇ يىلى 6 - ئايدا موسكۋا بېسىۋالىدۇ، روسلار موسكۋاغا ئوت قويۇپ، شەھەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. فرانسۇز قوشۇنلىرى موسكۋادا بەش ھەپتە تۇرىدۇ. ئەسلى ئۇلار رۇسلار سۇلھى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلاشقانىدى. بىراق ھېچقانداق شەپە بولمىغانلىقتىن ناپولېئون چېكىنىش قارارىغا كېلىدۇ، بىراق ئۇ تولىمۇ كېچىككەنىدى.
رۇس قوشۇنلىرىنىڭ ئىسكەنجىگە ئېلىشىدىن بولغانمۇ ياكى قاتتىق سوغۇق تەپەيلىدىن بولغانمۇ ۋە ياكى فرانسۇزلارنىڭ ئۇزۇق - تۈلۈكى يېتىشمەسلىكتىن بولغانمۇ، فرانسۇز قوشۇنلىرىنىڭ چېكىنىشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. <زور قوشۇن> نىڭ ئاران ئوندىن بىر قىسىمىلا ئامان - ئېسەن قايتىپ كېتەلەيدۇ. ياۋرۇپا ھەر قايسى ئەللىرى بۇ فرانسىيىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلىدىغان ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، بىردەك ناپولېئوننىڭ قوشۇنلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. ئىككىنچى يىلى، ناپولېئون Ⅰ تەختتىن چۈشۈپ، ئىتالىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
1815 - يىلى، ناپولېئون پارىژغا فېچىپ كېلىپ فرانسىيە خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولىدۇ ۋە قايتىدىن تەختكە چىقىپ، ھاكىميەت يۈرگۈزىدۇ. ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى ئەللەر دەرھال فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ 100 كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ قوشۇنى ۋاتېرلوئو ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولىدۇ. ئەنگىلىيىلىكلەر ئۇنى جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى مۇقەددەس ھېلېنا دەيدىغان كىچىك بىر ئارالغا قاماپ قويىدۇ. 1821 - يىلى تېخى 52 ياشقا توشمىغان ناپولېئون راك كېسلى بىلەن بۇ كىچىك ئارالدا ۋاپات بولىدۇ.