Ⅰئېلزابېت
يۈز مەشھۇر شەخىس
1533 - 1603
ئېلزابېت Ⅰ ئەنگىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ھۆكۈمرانلاردىن بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ 45 يىللىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە ئەنگىلىيىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى گۈللىنىپ، پەن - تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان، ئەنگىلىيە دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيان دۆلەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان.
كورۇلىۋا ئېلزابېت ياشىغان مەزگىللەردە، ئەنگىلىيىنىڭ كوروللىرى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگىلىيىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى كورۇلىۋاغا مەنسۇپ.
كورۇلىۋا ئېلزابېت 1533 - يىلى ئەنگىلىيىدىكى گرېنۋىچتا تۇغۇلغان. ئاتىسى ھېنرى Ⅷ ئىلگىرى ئەنگىلىيىدە ئىسلاھات يۈرگۈزگەن، ئانىسى ئاننى ھېنرى Ⅷ نىڭ ئىككىنچى خوتۇنى ئىدى. ئانىسى ئاتىسى تەرىپىدىن بۇزۇقچىلىق قىلغان دېگەن گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا، ئېلزابېت ئاران 3 ياشتا ئىدى. ئەنگىلىيە پارلامېنتى شۇ سەۋەبتىن ئۇنى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا دەپ جاكارلىغان، چۈنكى ئۇلار ھېنرى Ⅷنى بىرىنچى خوتۇنى بىلەن رەسمىي ئاجراشمىغان دەپ قارايتتى. شۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ، ئېلزابېت يەنىلا تەربىيىگە ئېرىشىپ، خېلى كۆپ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنەلىگەن.
ھېنرى Ⅷ ئۆلگەن چاغدا ئېلزابېت 13 ياشتا بولۇپ، تەختكە ھېنرى Ⅷنى ئوغلى ئېدۋاردⅥ، كېيىن قىزى مارى ۋارىس بولغان. ئېرۋارد Ⅵ بىلەن مارى ھەر ئىككىسى كاتولىك دىنى ۋە پاپالارنى قوللاپ، پروتېستانت دىنىنى باستۇرغان بولۇپ، تەخمىنەن 300 نەپەر پروتېستانتنى ئۆلتۈرگەن. كورۇلىۋا مارى 1558 - يىلى ۋاپات بولىدۇ، 25 ياشلىق ئىلزابېت تەختكە ئولتۇرۇپ ئېلزابېت Ⅰ دەپ ئاتىلىدۇ.
ئېلزابېت Ⅰ دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر مەسىلە كشىنى پەرىشان قىلىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى دىنىي پارچىلىنىش ۋەزىيىتى ئىدى. ئېلزابېت Ⅰ بۇ قىيىن مەسىلىنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلغان. پروتېستانت دىنى ئەنگىلىيىنىڭ دۆلەت دىنى دەپ جاكارلاپ، مۇلايىم پروتېستانت دىنى مۇخلىسلىرىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋەتكەن. پۇرىتان مۇخلىسلىرى تېخىمۇ ئوميۈزلۈك، تېخىمۇ ئۇزۈل - كېسىل دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان.
رىم پاپاسى ۋە كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى بولغان، پاپا ئېلزابېتنى تەختتىن چۈشۈرۈشنى ھەمدە ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى جاكارلىغان. لېكىن ئەنگىلىيە خەلقى كورۇلىۋا ئېلزابېتنى قوللايتتى، چۈنكى رىم پاپاسىغا ئىتائەت قىلىدىغان دەۋر ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتكەنىدى.
ئېلزابېت Ⅰ كۈچلۈك كېمە ئەترىتى قۇرغان. ئىسپانىيە كورۇلى فېلىپ Ⅱ گوللاندىيىدىكى ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى باستۇرۇشقا باشلىغان، گوللاندىيىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى پروتېستانت دىنى مۇخلىسلىرى بولغاچقا، ئېلزابېت گوللاندىيىنىڭ ئىسپانىيىگە زەربە بېرىشىگە ياردەم بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر يوسۇندا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
ئىسپانىيە كورۇلى فېلىپ Ⅱ نىڭ بىر قەدەر قۇدرەتلىك فلوتى بار بولۇپ، <يېڭىلمەس فلوت> دەپ ئاتىلاتتى، لېكىن ئەنگىلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كۈچى ئىسپانىيىنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇراتتى. ئەنگىلىيە فلوتىنىڭ قورال - ياراغلىرى خىل، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئىسپانىيىنىڭ <يېڭىلمەس فلوتى> نى مەغلۇپ قىلىپ، ئەنگىلىيىنىڭ ياۋرۇپادىكى دېڭىز زومىگىرىنىڭ ئورنىنى ئورناتقان.
ئېلزابېت توي قىلمىغان ھەمدە ۋارىسىمۇ بەلگىلىمىگەن. ئۇ تەخت ۋارىسى بېكىتىشتىن بىزار ئىدى، چۈنكى، ئۇ تەخت ۋرىسىنىڭ ئۆزىگە قارشى سۈيىقەست ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدىن قورقاتتى. ئەنگىلىيىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ئېلزابېت Ⅰ 70 ياشقىچە ياشىغان. بۇ ئۇزاق مەزگىل ئەنگلىيىنى نۇرغۇن قالايمىغانچىلىقلاردىن ساقلاپ قالغان، بولۇپمۇ دىنىي ساھەدىكى كۈرەشتىن قۇتۇلدۇرغان ئىدى.
ئېلزابېت ناھايىتى ئەقىللىق، سىياسىي كاللىغا ئىگە، ئېھتىياتچان ھەمدە كونسېرۋاتىپراق ئىدى. ئۇ ئۇرۇش قىلىش ۋە قان تۆكۈشتىن بىزار ئىدى، خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش ئۆزى بىلەن پارلامېنت بىلەن ھەمكارلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتى ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتىدىن كۆپ ئىدى.
ئۇ توي قىلىشنى خالىمايتتى، بىراق ئەرلەرگە ئۆچ ئەمەس ئىدى، ئەكسىچە ئەرلەر بىلەن مۇڭدىشىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئەرلەرگە ھەمراھ بولۇشنى بىر خىل بەھرىمەن بولۇش دەپ بىلەتتى.
ئۇ كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ شوتلاندىيە بىلەن ئەنگىلىيىنى بىر بىرلىككە كەلگەن دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. بىراق بۇ خىل تاللاشنىڭمۇ نۇقسانى بار ئىدى. چۈنكى جامېس Ⅵ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى چارلېز Ⅰ نىڭ خاراكتېرى ھوقۇق ئىگىلەش قارىشى بىلەن ئەنگىلىيە خەلقنىڭ تەلىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى زور ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن چارلېز Ⅰ دەۋرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان.