ماۋزېدۇڭ
يۈز مەشھۇر شەخىس
1893 - 1976
ماۋزېدۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەتنى قوغا كەلتۈردى، ئۇ جۇڭگونى ئۆزگەرتىش ئىشىغا 27 يىل رىياسەتچىلىك قىلدى.
ماۋزېدۇڭ 1893 - يىلى جۇڭگودىكى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋشەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھاللىق ئوتتۇرا دېھقان ئىدى. 1911 - يىلى، ماۋزېدۇڭ 18 ياشقا كىرگەن يىلى، جۇڭگودا 17 - ئەسىردىن باشلاپ جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلاب پارتلىدى.
نەچچە ئاي ئىچىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت جاكارلاندى. ئەپسۇسكى، بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنىڭ داھىيلىرى جۇڭگودا بىرلىككە كەلگەن مۇستەھكەم ھۆكۈمەت ئاساىنى تۇرغۇزالمىدى. ئىنقىلابتىن كېيىنكى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە ئىچكى ۋەزىيەت تۇراقلىق بولمىدى. ئىچكى ئۇرۇش تاكى 1949 - يىلىغىچە داۋام قىلدى.
ماۋزېدۇڭ ياش ۋاقتىدا سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە سولچى ئىدى. 1921 - يىلى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاساسىي قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بىراق، 1935 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتى.
شۇ مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قەتئىي قەدەملەر بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. 1927 - يىلى ۋە 1934 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى نەچچە قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، بىراق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇنىڭغا بەرداشلىق بەردى. 1935 - يىلىدىن باشلاپ، ماۋزېدۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى كۈچىيىشكە باشلىدى. 1947 - يىلىدىن باشلاپ كوممۇنىستلار جياڭ جېيشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلىپ باردى.
1949 - يىلى كومپارتىيە قوشۇنلىرى غەلىبە قىلىپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلدى.
ماۋزېدۇڭ ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، 36 يىلدىن ئارتۇق ئىچكى ئۇرۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جۇڭگو، ھەممە يېرى جاراھەت بىلەن قاپلانغان، نامراتلىقتىن ھالى قالمىغان، ئاھالىسىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ساۋاتسىز ئىدى. بۇ چاغدىكى ماۋزېدۇڭ 56 ياشتا ئىدى. ئۇ ئىچكى ئۇرۇش قالدۇرۇپ كەتكەن قىينچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا مەغلۇپ بولۇشتىن ئەندىشە قىلاتتى. بىراق، ئۇ ئادەتتىن زىيادە چىداملىق ۋە غەيرەت بىلەن دۆلەتنىڭ سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى، مائارىپ ئىشلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، خەلقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشىلىدى. ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چىقتى. ئارقىدا قالغان جۇڭگوغا نىسبەتەن، بۇ ئۆزگىرىشلەر تېخى كۇپايە قىلمايتتى. دۆلەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتە كاپىتالىزم تۈزۈمىدىن سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كومپارتىيە ھۆكۈمىتى قىلغان ئىككىنچى ئىش ئىدى. سىياسىي جەھەتتە، ماۋزېدۇڭ قاتتىق دىكتاتۇرا تۈزۈمىنى ئورناتتى. ماۋزېدۇڭ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قوزغاپ، شەخسلەرنىڭ ئائىلىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا بۇراشقا تىرىشتى؛ بۇ ئۆزگىرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى، چۈنكى جۇڭگولۇقلار ئائىلىگە ناھايىتى سادىقلىقى بىلەن مەشھۇر. ئۇ يەنە كەڭ كۆلەمدە كۇڭزى تەلىماتىنى تەنقىد قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەرىكەت خېلى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
1949 - يىلدىن 1976 - يىلىغىچە، ماۋزېدۇڭ جۇڭگونىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئىدى. 1958 - يىلدىكى <چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش> ئۇنىڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى يېزىلارد ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى كۈچەيتىش پىلانى مەغلۇپ بولدى (بۇ پىلان قانداقلا بولمىسۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى) دەپ قارىشىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى پىلانى 6619 - يىلى باشلانغان <مەدەنىيەت ئىنقىلابى> ئىدى. بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىچىدىكى بيۇروكراتچىلىققا قارشى بىر قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئىدى.
قىزىق يېرىش شۇكى، ماۋزېدۇڭ <چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش> ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغاندا، ئۇنىڭ يېشى 60 تىن ئاشقان، <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> نى باشلىغاندا يېشى 70 تىن ئاشقان، ئۇ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتتە يېقىنلىشىشقا باشلىغاندا 80 ياشقا كىرىپ قالغانىدى.
ماۋزېدۇڭ ئەسلى شەھەردىكى سانائەت ئىشچىلىرى كوممۇنىستىك پارتىيىنى قوللايدىغان مۇستەھكەم ئاساس بولۇپ چىقىدۇ، دەپ قارىغانىدى. بىراق، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، دېقھانلارنىڭ كۈچىگە تاياندى. ئۇ يېزا ئىگىلىككە ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.
ماۋزېدۇڭ لېنىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. لېنىن - روسىيە كوممۇنىزمنىڭ ئاساسچىسى ئىدى. ئۇ شۇندق جۇڭگونىڭ كوممۇنىزم ئىشلىرىغا يول ئېچىپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، ماۋزېدۇڭدەك بىر ھازىرقى زامان ئادىمىگە قانداق باھا بېرىش قىيىن بىر مەسىلە، چۈنكى بىز كېلەچەكتە جۇڭگو خەلقى ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. قانداقلا بولمىسۇن، بىز ئۇنى چىن سىخۇاڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك بولىدۇ، بۇ ئىككىلىسى جۇڭگودا بىر قاتار ئىنقىلابنى ۋۇجۇدقا چىقارغانىدى. بۇ كىتابتا بىز چىن سىخۇاڭنى ماۋزېدۇڭنىڭ ئالدىغا تىزىشىمىزدىكى سەۋەب، چىن سىخۇاڭنىڭ تەسىرى تەخمىنەن 22 ئەسىردەك داۋام قىلدى؛ بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ھېچقايسىمىز ماۋزېدۇڭنىڭ جۇڭگو خەلقى ئىچىدىكى تەسىرى ۋە ئابرويىنىڭ قايسى ۋاقىتقىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز ۋە مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.