ئېدىسون
يۈز مەشھۇر شەخىس
نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ياراتقان كەشپىياتچى ئېدىسون 1847 - يىلى ئامېرىكىدىكى ئوھىئو شىتاتىنىڭ مىلان شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئاران ئۈچ ئاي مۇنتىزم تەربىيە كۆرگەن، مۇئەللىم ئۇنى كاللىسى ئىشلىمەيدىغان دۆت بالىلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن.
ئېدىسون 21 يېشىدا سايلام بېلىتىنى ستاتىستىكا قىلىش ئاپپاراتىنى كەشپ قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى كەشپىياتى ئىدى، بىراق ئۇنى ساتالمىدى. ئۇ چاغدا، ئېدىسوننىڭ پۈتۈن دىققەت نەزەرى دەرھال بازارغا سېلىپ ساتقىلى بولىدىغان نەرسىنى كەشپ قىلىشتا قالغانىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي، ئېدىسون پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى تېلېگرامما بىلەن يەتكۈزۈش ئاپپاراتى كەشپ قىلىپ، بازارغا سېلىۋېدى، بۇ ئاپپارات 40 مىڭ دوللارغا سېتىلدى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى كۆپ پۇل ئىدى. كېيىن ئارقا - ئارقىدىن بىر يۈرۈش يېڭى كەشپىياتلارنى كەشپ قىلدى، ئېدىسون باي بولدى، شۆھرەت قازاندى. پاتېفون ئۇنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان كەشپىياتى بولسا كېرەك. 1877 - يىلى ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن كەشپىيات پاتېنتى ئالغانىدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم كەشپىيات 1879 - يىلى ئۇ ياساپ چىققان ۋولفرام قىللىق لامپۇچكا ھېسابلىنىدۇ.
ئېدىسون لامپۇچكىنىڭ تۇنجى كەشپىياتچىسى ئەمەس. ئۇنىڭ ئالدىدا، پارىژنىڭ كوچىلىرىدا لامپۇچكا بار ئىدى، ئېدىسوننىڭ تۆھپىسى لامپۇچكىنى كوچىنى يورۇتۇشقىلا ئىشلىتىپ قالماي، ئۇنى ئائىلىلەرگە ئېلىپ كىرىشتە ئىپادىلىنىدۇ.
1882 - يىلى، ئۇنىڭ شىركىتى نيۇ - يورك شەھىرىدىكى ئائىلىلەرگە توك قۇۋۋىتى يەتكۈزۈپ بېرىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلېكتر ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ.
ئېلېكتر شىركەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، توك ئائىلىلەرگە كىردى، ئېدىسون يېڭى تىپتىكى غايەت زور بىر سانائەت ئۈچۈن ئاساس سالدى. مانا بۇ تېلېۋىزوردىن كىر ئالغۇغىچە بولغان ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانائەت.
ئېدىسون فوتو ئاپپاراتى ۋە كىنو ئاپپاراتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۆھپە قوشقانىدى. ئۇ يەنە ئاپتوماتىك تېلېگراف ماشىنىسى، شىفىگراف، فىلۇئورۇسكوپ، نىكېل - تۆمۈر ئىشقارلىق باتارىيە، خاتىرىلەش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى كەشپ قىلدى. ئۇنىڭ كەشپىياتى 1000 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ سان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ئېدىسوننىڭ مۇشۇنداق كۆپ كەشپىياتلارنى قىلالىشىدىكى سەۋەب، ئۇ نيۇ - جېرسى شىتاتىنىڭ مىنۇباكتا بىر تەجرىبىخانا قۇرۇپ تەتقىقات ۋە ياساش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر مۇنچە ياراملىق ياردەمچىلەرنى ئىشقا سالغان. بۇ تەجرىبىخانا كېيىن نۇرغۇن چوڭ سانائەت شىركەتلىرى قۇرغان چوڭ تىپتىكى تەجرىبىخانىلارنىڭ ئۈندۈرمىسى ئىدى.
ئېدىسون بىر كەشپىياتچى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە بىر قانچە سانائەت شىركەتلىرىدە ئىشلىگەن، ھەم بىر سانائەت شىركىتى قۇرغان، كېيىن بۇ شىركەت <ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى> دەپ ئاتالغان.
1833 - يىلى ئېدىسون ۋاكۇئۇم لامپا تەجرىبىسى جەريانىدا، توساتتىن ئىسسىق - سوغۇق ئېلېكتر قۇتۇبى ئارلىقىدا ئېلېكتر ئېقىمى ئۆتۈشىدىغانلىقىنى سەزگەن، كېيىنچە بۇ <ئېدىسون ئېففېكتى> دەپ ئاتىلىپ، ئېلېكترون ۋە ئېلېكترون سانائىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان.
ئېدىسوننىڭ قۇلىقى پاڭ بولۇپ قالغان، بىراق ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خىزمەت ئىقتىدارى ئۇنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ كەتكەنىدى.
ئېدىسون ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن، تۇنجى ئايالى قازا بولغاندا ئۇ تېخى ياش ئىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر ئايالىدىن ئۈچتىن بالىسى بار.
1931 - يىلى ئۇ نيۇ - جېرسى شتاتىنىڭ ۋوتېئولان شەھىرىدە ۋاپات بولدى.
ئېدىسون ھەممە ئېتراپ قىلغان كارامەت تۇغما تالانت ئىگىسى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتچى.