UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرمۇسا ئەلەيھىسسالام

مۇسا ئەلەيھىسسالام

يۈز مەشھۇر شەخىس مىلادىدىن 13 ئەسىر بۇرۇن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتۈپ، 32 ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرى، خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. مۇسا ئەلەيھىسسالام مىلادىدىن 13 ئەسىر بۇرۇن تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن، پەرەز قىلىنىشىچە، رامسېس Ⅱ <ئېكسودۇس> (مىسىردىن چىقىش خاتىرىسى) دىكى فىرئەۋىن شۇ. رامسېس Ⅱ مىلادىدىن 1238 - يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان. ئۇ چاغدا مۇسا ئەلەيھىسسالام تېخى ھايات ئىدى. <ئېكسودۇس> (مىسىردىن چىقىش خاتىرىسى) تا قەيت قىلىنىشىچە، ئېۋرىيلار رامسېس ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى ئىدى. بەش ئەسىر داۋامىدا، يېۋرىيلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ناھايىتى ئىززەتلەپ كەلدى. مىلادى 500 - يىللىرى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ نامى خرىستىئان دىنى بىلەن بىرگە ياۋروپاغا تارقالدى. ئىسلام دىنى بەرپا قىلىنىپ بىر ئەسىردىن كېيىن مۇسا پەيغەمبەرنى ئېتىراپ قىلدى. ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىسلام دۇنياسىدا (مىسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) كىشىلەر چوقۇنىدىغان شەخس بولۇپ قالدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتۈپ، 32 ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرى، خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. گەرچە مۇسا ئەلەيھىسسالام دۇنياغا تونۇلغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ماتېرىيال يوق. بەزىلەر ئۇنى مىسىرلىق دېيىشىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئىسمى مىسىرلىقلار قويىدىغان ئىسىم (ئوغۇل بالا دېگەن مەنىدە)، بۇ ئىسىم نۇرغۇن فىرئەۋىنلەر نام - شەرىپىنىڭ بىر قىسمى. مۇسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا <تەۋرات> تىكى ھېكايەتلەر ئىشەنچلىك ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى رىۋايەت. ئادەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ چوڭ تۆھپىسى بار دېيىلىدۇ: بىرىنچىسى، ئۇ بىر سىياسىي شەخس بولۇپ، يېۋرىيلارنى باشلاپ مىسىردىن چىقىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقتىن ئازاد قىلغان. ئىككىنىچىسى، ئۇ ھەم مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەھكاملىرىنىڭ تۈزگۈچىسى؛ بۇ ئەھكام ئون پەرھىزدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ يېۋرىيلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئەھكامدۇر. <ئىنجىل> ۋە ئون پەرھىزنىڭ ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇنىڭ ئاپتورى ئەلۋەتتە غايەت زور تەسىرگە ئىگە شەخس دەپ تونۇلۇشى كېرەك. بىراق، كۆپ ساندىكى خرىستىئان تېئولوگلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ كىتابلارنىڭ بىردىنبىر يازغۇچىسى ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇ كىتابلار كۆپ ئاپتورنىڭ قولىدىن چىققان، يەنە كېلىپ مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىتاب بولۇپ پۈتكەن. ئومۇمەن مۇسا ئەلەيھىسسالام يېۋرىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىنى خاتىرىلەش ياكى قىسمەن ئېۋرىي ئەھكاملىرىنى تۈزۈپ چىقىشتا مۇھىم رول ئوينىغان دەپ قارىلىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ زادى قانچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا بىزدە ماتېرىيال يوق. ئۈچىنچىسى، نۇرغۇن كىشىلەر مۇسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنىڭ بىر خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلىشغا ئاساس سالغۇچى دەپ قارايدۇ، بىراق بۇنداق دېيىشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئائىت ماتېرىياللارنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى <تەۋرات>، بىراق <تەۋرات> تا بىر خۇدالىق دىننى تۈزگۈچى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دېيىلگەن. روشەنكى، مۇسا ئەلەيھىسسالام بولمىسا، بىر خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ داۋاملىشىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى؛ شۈبھىسىزكى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئالدىنقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىگە يول ئېچىشتا، ئاشۇ بىر يۈرۈش پرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇشتا پايدىلىق رول ئوينىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام بىر خۇدالىق دىنغا سەمىمىي ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىدىيە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقىلالىدى.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر
مۇسا ئەلەيھىسسالام | UyghurWiki | UyghurWiki