UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرستالىن

ستالىن

يۈز مەشھۇر شەخىس 1879 - 1953 سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەچچە ئون يىللىق مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە داھىيىسى ستالىن 1879 - يىلى گروزىيىنىڭ گورى شەھىرىدە تۇغۇلغان. گروزىن تىلى ئۇنىڭ ئانا تىلى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىن ئۆگەنگەن رۇس تىلىدىن پەرقى چوڭ تىل ئىدى. شۇڭا ئۇ رۇسچىنى گروزىن شىۋىسىدە سۆزلەيتتى. ستالىننىڭ ئائىلىسى ناھايىتى نامرات ئىدى. ئاتىسى ھاراقكەش موزدۇز ئىدى. ئۇ ھە دېسىلا ئوغلىنى قاتتىق ئۇراتتى. دادىسى قازاتاپقاندا ستالىن ئاران 11 ياشتا ئىدى. ستالىن دەسلەپكى يىللىرى گورىدىكى چېركاۋ ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇغان. كېيىن تىفلىس تىئولوگىيە شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1899 - يىلى ئىنقىلابىي تەشۋىقات ۋەرەقلىرىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن قوغلانغان. كېيىن ماكسىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1903 - يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدىن تاكى 1917 - يىلغىچە، ستالىن ئاكتىپ پارتىيە ئەزاسى بولغان، چار پادىشاھ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئالتە قېتىم قولغا ئېلىنغان. بېرىلگەن جازا ئۈچۈن، بولشېۋىكلار ئىچىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ قالغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىسمى - جىسىمىغا لايىق <ستالىن> دېگەن نامغا ئېرىشكەن. بۇ پولاتتەك ئادەم دېگەنلىك ئىدى. 1917 - يىلى، ئۆكتەبر غەلبە ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئچىدە، ستالىن ئىنتايىن پائالىيەتچان بولۇپ كەتتى. 1922 - يىلى سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ ۋەزىپىنىڭ ئۇنىڭ پارتىيە ئىچىدە ھوقۇق ئىگىلىشىگە ياردىمى تەگدى. روشەنكى، لېنىن تروتسكىيىنى ئۆزىنىڭ ئىز باسار قىلىشنى خالىمايتتى. چۈنكى، لېنىن تروتسكىيدا رېۋىئونىزم خاھىشلىرى بار دەپ قارايتتى. تروتسكىي كۆپ قېتىم ئارىسالدى بولۇپ تاكى ئىنقىلابنىڭ ھارپىسىدا ئاندىن بولشېۋىكلارغا ئەزا بولۇپ كىرگەنىدى. تروتسكىينىڭ غەيرىي خاراكتېرى، ئۇنىڭ ھەمىشە باش قاتۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن رەھبەرلىك ئورنىغا يامىشىشى، ئۆزىنىڭ ماركسىزم ئىدېئولوگىيىسى ساھەسىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىغا قىلچە پەرۋا قىلماسلىقى لېنىننى تېخىمۇ خاتىرچەمسىزلەندۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لېنىن يەنە ستالىننىڭ ۋۇجۇدىدىكى بەزى پاسسىپ ئامىللاردىنمۇ خەۋەردار ئىدى. بۇلاردىن مۇھىملىرى، ئۇنىڭ يولداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ۋە شەخسىيەتچىلىك خاھىشى ئىدى. لېنىن مەركىزىي كومېتىتنى كېڭەيتىش، ئىشچى ئەزالارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنى ستالىننىڭ باش شۇجى بولۇشتىكى ئاساسىي شەرتلىرى قىلغانىدى. لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ستالىن سىياسىي كۈرەشلەردە تالانت ئىگىسى ئىدى. كېيىن ئوڭۇشلۇق ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخس بولۇپ قالدى. 1939 - يىلى، ستالىن گىتلېر بىلەن مەشھۇر <ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى> نى ئىمزالىدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا گىتلېر ئۆز لەۋزىدە تۇرماي، بۇ شەرتنامىنى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، بۇ ئەڭ ئاخىرىدا گىتلېرنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ستالىننىڭ مۇنداق ئىككى چوڭ تۆھپىسى بار: ئۇنىڭ بىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنى سانائەتلەشتۈرگەنلىكى ھەمدە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىدىن ئىبارەت؛ ئىككىنچىسى، دۇنيا مىقياسىدا كوممۇنىزم پرىنسىپلىرىنى تارقاتقانلىقىدىن ئىبارەت. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېقىندى دۆلەتلىرىدە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ تۆھپە ستالىنغا مەنسۇپ. بۇنىڭدىن سىرت، ماۋزېدۇڭ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى رەھبەرلىكىدىكى خەلق جۇڭگوسىنىڭ سوتسىيالىزم يولىغا مېڭىشىمۇ كوممۇنىزم تەلىماتلىرىنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتتى.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر
ستالىن | UyghurWiki | UyghurWiki