UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرلىستېر

لىستېر

يۈز مەشھۇر شەخىس 1827 - 1912 لىستېر ئەنگىلىيىلىك خروگ، <خروگىيە دېزىنفىكسىيىسىنىڭ پېشۋاسى>. 1827 - يىلى، ئۇ ئەنگىلىيىنىڭ ئىتون دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. 1852 - يىلى لوندون داشۆسىدە ئەلا نەتىجە بىلەن مېدىتسىنا پەنلىرى دىپلومىغا ئېرىشكەن. 1861 - يىلى گلازگو خان جەمەتى دوختۇرخانىسىنىڭ خروگى بولغان. ئۇ يەردە خىزمەت قىلغان سەككىز يىل جەريانىدا باشتىن ئاخىر خروگىيە دېزىنفېكسىيە ئۇسۇللىرى تەتىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. لىستېر گلازگو پادىشاھلىق دوختۇرخانىسى خروگىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى كېسەل بىمارلىرىنىڭ ئوبېراتسىيىدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى ئۇنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان ئىدى. بىمارلارنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن يىرىڭلاپ زەھەرلىنىشى كۆپ ئۇچرايتتى. لىستېر خوروگىيە بۆلۈمىنىڭ تازىلىقىنى ئىمكانقەدەر ياخشى تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن خروگىيە بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئازايتالمىدى. بەزى دوختۇرلار بۇ خىل ئەھۋالنىڭ دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى ئادەم سالامەتلىكىگە زىيانلىق بىر خىل نەرسىدىن چىققان <زەي پۇرىقى> دىن، نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان دەپ قاراشقان، لېكىن لىستېر بۇ خىل قاراشقا قوشۇلمىدى. 1865 - يىلى، لىستېرنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقىپ، پاستېرنىڭ باكتېرىيىلەر نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە باكتېرىيە بولسا كېسەللەرنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى نەرسە، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن ئوپېراتسىيىدىن كېيىن باكتېرىيىلەرنى يوقىتىشنىڭ ئامىلىنى ئىزدىگەن. دەسلەپتە لىستېر كاربولكا كىسلاتاسى بىلەن باكتېرىيە يوقاتقان. كېيىن ئۇ ھەر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىشتىن ئاۋۋال قولنى كاربولكا كىسلاتاسى بىلەن ئەستايىدىل دېزىنفېكسىيە قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئوپېراتسىيە سايمانلىرى، داكا، بېنت قاتارلىقلارنىمۇ قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلغان. ئۇ ئوپېراتسىيە ئۆيىگە بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە كاربولكا كىسلاتاسى پۈركۈپ تۇرغان. نەتىجىدە، تاشقى كېسەللىكلەر بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىدە مۆجىزە خاراكتېرلىك تۆۋەنلەش بولغان. 1865 - يىلدىن 1869 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ مەسئۇل بولغان بالنىستتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بىمارلىرىنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 45 پىرسەنتتىن 15 پىرسەنتكە چۈشكەن. 1867 - يىلى لىستېر خروگىيە دېزىنفېكسىيىسى ھەققىدىكى تۇنجى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيىسى باشقىلار تەرىپىدىن تېزدىن كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىنمىدى، بىراق ئۇ ئېدىنبورگ داشۆسىدە ئۆتكەن يەتتە يىل ئىچىدە چىققانىدى. 1875 - يىلى لىستېر گېرمانىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئامېرىكىغا كېلىدۇ، بۇ يەردە كۆپ ساندىكى دوختۇرلار ئۇنىڭ تەلىماتىغا ئىشەنمەيدۇ. 1877 - يىلى، لىستېر لوندون پادىشاھلىق شۆيۈەنىنىڭ خروگىيە پەنلىرى پروفېسورى بولىدۇ. ئۇ بۇ خىزمەت ئورنىدا 15 يىل ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ خروگىيە دېزىنفېكسىيە ئۇسۇلى لوندوندىكى مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلغۇچىلار كۈندىن - كۈنگە كۆپەيدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، لىستېرنىڭ دېزىنفېكسىيە ئۇسۇلى لوندوندىكى خروگىيە ۋراچلىرى ۋە دوختۇرلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. لىستېر ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تۆھپىسى بىلەن شۆھرەت قازاندى. ئۇ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى بەش يىل ئۆتىگەن ھەم كورۇلىۋا دىكتورىيەنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى بولغانىدى. لىستېر ئۆيلەنگەن، لېكىن پەرزەنت كۆرمىگەن. 1912 - يىلى ئەنگىلىيىنىڭ ۋالىنتون دېگەن جايىدا 80 يېشىدا ۋاپات بولغان. لىستېرنىڭ ئىجادىيىتى خروگىيە پەنلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئىنقىلاب بولدى. بۇ ئىنقىلاب مىليۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. شۇنداقلا سانسىزلىغان خروگىيە دوختۇرلىرىنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئەندىشە ئىچىدە خىزمەت قىلشتىن دېزىنفېكسىيە ئارقىلىق يۈرەكلىك ھالدا ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر