ئېينىشتېيىن
يۈز مەشھۇر شەخىس
1879 - 1955
ئېينىشتېيىن 20 - ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىجادچانلىق ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، دەپ ھەممە ئېتىراپ قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نامى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن زىچ باغلانغان. ئەمەلىيەتتە، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى مۇنداق ئىككى خىل نەزەرىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بىرسى، 1905 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى؛ يەنە بىرسى، ئۇ 1915 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى. كېيىنكىسىنى بىز ئەڭ ياخشىسى <ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى نەزەرىيىسى> دەپ ئاتىغىنىمىز تۈزۈك. بۇ ئىككى نەزەرىيە ناھايىتى مۇرەككەپ، بىز بۇ يەردە بۇلارنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمىز. بىراق تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز.
ھەرقانداق نەرسە نىسپىي بولىدۇ، دېگەن قائىدە ھەممىگە ئايان بىر قائىدىدۇر. ئېينىشتېيىننىڭ نەزەرىيىسى بۇ قائىدىنى قايتا بايان قىلغان ياكى تەكرارلىغان نەزەرىيە ئەمەس. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى؛ ئەگەر بارلىق پايدىلىنىش سىستېمىسىغا نىسبەتەن نۇرنىڭ تېزلىك كوئېففېتسېنتى تۇراقلىق سان بولسا، ھەم بارلىق تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولسا، ئۇنداقتا، ۋاقىت بىلەن ھەرىكەت كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن نىسپىي بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئېينىشتېيىن دەۋرىدىن ئىلگىرى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ خىل سۇبيېكتىپ ئوي - پىكىر بىر ماكان مەسىلىسى بىلەن نازۇك ئەسۋاب ئارقىلىق ئوبيېكتىپ ئۆلچەپ چىققىلى بولىدىغان بىر مۇتلەق زامان مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دەپ قاراپ كەلگەنىدى. بىراق ئېينىشتېيىننىڭ ھەرقانداق مۇتلەق زاماننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان نەزەرىيىسى ئىلىم - پەن، ئىدىيە ساھەسىدە بىر قېتىملىق ئىنقىلابقا سەۋەبچى بولدى. تۆۋەنكى مىسال ئېينىشتېيىننىڭ ئۆزىنىڭ زامان ۋە ماكان نەزەرىيىسى ئارقىلىق بىزنىڭ پۈتكۈل ئالەمگە بولغان قارىشىمىزنى قانداق قىلىپ تۈپ - نېگىزىدىن ئۆزگەرتىپ تاشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بىردانە ئالەم كېمىسى بار، دەپ پەرەز قىلايلى، ھازىرچە ئۇنى X كېمە دەپ ئاتايلى. بۇ ئالەم كېمىسى سېكۇنتىغا 100 مىڭ كىلومېتىر تېزلىكتە ئۇچۇپ يەر شارىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتماقتا، ئالەم كېمىسى بىلەن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى كۆزەتكۈچى تەرىپىدىن ئۆلچەپ تۇرۇلماقتا. دېمەك، ئۆلچەم ئوپئوخشاش، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، يەنە بىر ئالەم كېمىسى بار، دەپ پەرەز قىلايلى، ئۇنى Y دەپ ئاتايلى، ئۇنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشى X بىلەن ئوخشاش، بىراق ئۇنىڭ سۈرئىتى بۇنىڭدىن كۆپ تېز، كۆزەتكۈچىنىڭ يەر شارىدا تۇرۇپ Y كېمىنىڭ سۈرئىتىنى كۆزىتىشچە، بۇ كېمە سېكۇنتىغا 180 مىڭ كىلومېتىر تېزلىكتە ئۇچۇپ يەر شارىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتىدۇ. دېمەك، Y كېمىدىكى كۆزەتكۈچىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ.
ئىككى ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشى ئوخشاش بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ سۈرئىتىنىڭ سېكۇنتىغا 80 مىڭ كىلومېتىردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، سۈرئىتى تېز ئالەم كېمىسى، سۈرئىتى ئاستا ئالەم كېمىسى سېكۇنتىغا 80 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا تاشلاپ ئۇچۇشى كېرەك.
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئېينىشتېيىننىڭ نەزەرىيىسى بويىچە شۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىككى ئالەم كېمىسىدە تۇرۇپ كۆزەتكەندە، ئىككى ئالەم كېمىسىدىكى كۆزەتكۈچى بىردەك بۇ ئىككى ئالەم كېمىسىنىڭ بىر - بىرىدىن سېكۇنتىغا 80 مىڭ كىلومېتىردىن ئەمەس بەلكى 100 مىڭ كىلومېتىردىن يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ.
بۇ خىل نەتىجە كىشىگە كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ. ھەتتا كىتابخانىلار بۇ بىر تېپىشماق بۇلۇشى مۇمكىن ۋە ياكى بولمىسا، بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇم مۇھىم ھالقىلار نەزەردىن ساقىت قالغان بولۇشى كېرەك. دەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى مۇمكىنچىلىكنىڭ ھېچقايسىسى بۇنىڭغا سەۋەب بولالمايدۇ، بۇنىڭ ئالەم كېمىسىنىڭ ياسىلىش ئەھۋالى بىلەن ۋە ياكى ئىتتىرىش كۈچى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق؛ ياكى بولمىسا، كۆزىتىشتىكى سەۋەنلىكمۇ ئەمەس ۋە ياكى ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ كاشىلىسىمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىڭ ئىچىدە قىلچىمۇ ئالدامچىلىق يوق. ئېينىشتېيىننىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى نەتىجە زامان ۋە ماكاننىڭ ئاساسىي ماھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.
بىزنىڭ دېگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى نوقۇل نەزەرىيە مەسىلىسى. ئەمەلىيەتتە، ئۆتكەنكى نۇرغۇن يىللار ئىچىدە، كىشىلەر نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بىر خىل پەرەز، قىلچە ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق دەپ قاراپ كەلدى. ۋەھالەنكى، 1945 - يىلى ئاتوم بومبىسى خىروسىما بىلەن ناگاساكىغا تاشلانغاندىن كېيىنلا، كىشىلەر ئاندىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى پەرەز دەپ قارىمايدىغان بولدى. نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ خۇلاسىسىنىڭ بىرى بولغان ماسسا بىلەن ئېنېرگىيە باراۋەر بولىدۇ.
يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا تەخمىنەن 300 مىڭ كىلومېتىر بولىدۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر سان، يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ كۋادراتى بولسا تېخىمۇ چوڭ بىر سان. ئەقلىي خۇلاسە بويىچە ھېسابلىغاندا، ئاز مىقداردىكى ماددا ئۆزگىرىش ياساش ئارقىلىق، غايەت زور مىقداردىكى ئېنېرگىيىنى قويۇپ بېرەلەيدۇ.
دەرۋەقە، كىشىلەر تەڭلىمە mc2E = بويىچىلا ئاتوم بومبىسى ياكى ئاتوم رېئاكتورى ياساپ چىقالمايدۇ. بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىراق، ئېينىشتېيىننىڭ تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 1939 - يىلى ئېينىشتېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلتقا خەت يېزىپ، ئاتوم قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى، فاشىستلار گېرمانىيىسى بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بۇخىل قورالنى ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى. دەل مۇشۇ خەت ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسى تەتقىقاتىنى باشلاش ئۈچۈن مانخاتتان پىلانىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا بىرىنچى ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقالىدى.
تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى كەسكىن مۇنازىرە قوزغىدى. بۇ خىل نەزەرىيە ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم - پەن نەزەرىيىسىدىكى ئاجايىب - غارايىب سۆزلەر بىلەن قارىلىپ كەلگەنىدى، ئەمەلىيەت بۇخىل قاراشنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئېينىشتېيىننىڭ نەزەرىيىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر خىل ئالدىنقى شەرت ئاساسىغا قۇرۇلغان؛ تارتىش كۈچى نيۇتون ئوتتۇرىغا قويغان كۈچ ئەمەس، ئۇ پەقەت ماسسىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان زامان ۋە ماكاننىڭ تۇتۇشۇش مەيدانىنىڭ ئېگىلىشى.
ماكان ئېگىلسە، ئادەم قانداق ياشايدۇ؟ ماكاننىڭ ئېگىلىشى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئېينىشتېيىن بۇ نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ بۇ ئالدىنئالا ئېيتقانلىرىنىڭ سىناقتىن ئۆتەلىشى ۋە پەرزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا بىلەن ئېنىق يېزىپ قويدى. بىر يۈرۈش تەجرىبە ۋە كۆزىتىشلەر ئېينىشتېيىننىڭ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بولۇپمۇ ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى 1919 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى گۋىنېيە قولتۇقى پرىنسىپى ئارىلىدا سۈرەتكە ئېلىۋالغان قۇياشنىڭ تۇتۇلۇش كۆرۈنۈشى ۋە كېيىنكى ھېسابلاشلار بۇنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقئارادا ئىنتايىن زور ئابروي قازاندى.
ئېينىشتېيىن 1879 - يىلى گېرمانىيىنىڭ ئۇلم شەھىرىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئۇ شۋېتسارىيىدىكى سيۇررىى فىدىراتسىيە سانائەت شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1900 - يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شۋېتسارىيە گراژدانى بولۇپ قالغان. شۇ يىلى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئېلان قىلىپ، داڭ چىقارغان. بىراق ئۇنىڭ نەزەرىيىسى نۇرغۇن بەس - مۇنازىرىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دۇنيادا دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىدىن قالسا، ئېينىشتېيىننىڭ نەزەرىيىسىدەك كەسكىن مۇنازىرە قوزغىغان نەزەرىيە بولغان ئەمەس.
شۇنداق بولسىمۇ، 1913 - يىلى ئېينىشتېيىن بېرلىن داشۆسىدە پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى ھەمدە شۇ يىلى پادىشاھ ۋىليام فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەندى. 1914 - يىلى بېرلىن پرۇسسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە تەيىنلەندى. بۇ شارائىتلار ئۇنىڭ خالىغانچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا ۋاقىت يارىتىپ بەردى. 1921 - يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1933 - يىلى گىتلېر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئېينىشتېيىن يەھۇدىي بولغانلىقى ئۈچۈن، گېرمانىيە پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچتى. ئۇ ئامېرىكا پرىستون داشۆسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيىدىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا باردى ۋە ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتتى. 1955 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ پرىستون شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى.