ئۇربان Ⅱ
يۈز مەشھۇر شەخىس
1042 - 1099
كىشىلەر رىم پاپاسى ئۇربان Ⅱنى ئۇنتۇپ كېتىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسانىيەت تارىخىغا شۇنداق زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشلەر يەنىلا ناھايىتى ئاز. ئۇربان Ⅱ خرىستىئانلار دۇنياسىغا ئەھلىسەلىپنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەقبەرىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەربىي يۈرۈش قىلشقا چاقىرىق چىغارغان رىم پاپاسى.
ئۇربان 1042 - يىلى فرانسىينىڭ مائىنشارون شەھىرى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر زەربىدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ رېيىس شەھىرى باش رۇھانىيلار مەھكىمىسى مەكتىپىدىكى ساتبورونونىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. 1088 - يىلى ئۇ رىم پاپاسى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىگە تاللانغان.
ئۇربان ناھايىتى باتۇر ئادەم ئىدى. شۇنداقلا تەسىرگە ئىگە سىياسىئون، زېرەك ۋە قابىلىيەتلىك پاپا ئىدى. بىراق، مېنىڭ ئۇنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشۈمدىكى سەۋەب بۇنىڭدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ 1095 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى فرانسىيىە كلېرمون دىننىي يىغىلىشىدا سۆزلىگەن ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىدىغان نۇتقى ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قىلغان ئىشلىرىنى كۆزدە تۇتتۇم.
شۇ قېتىمقى يىغىلىشتا ئۇرباننىڭ نەچچە مىڭلىغان ئاممىنىڭ ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتىقى شۇ مەيداندىكى ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپلا قالماي، كېيىنكى بىر قانچە ئەۋلاد كىشىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ئۇ بۇ نۇتىقىدا مۇقەددەس جاينى ئىگىلەپ تۇرغان سەلجۇقىي تۈركلىرى خرىستىئان دىنىنىڭ مۇقەددەس جايىنى ئاياغ ئاستى قىلماقتا. تاۋاپ قىلغۇچىلارغا قەستەن قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ، ئېغۋاگەرچىلىك قىلماقتا دەپ جاكارلاپ، پۈتكۈل خرىستىئانلار دۇنياسىنى غازاتقا، يەنى ئەھلىسەلپىنى ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، مۇقەددەس جاينى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈپ، خرىستىئان مۇرىتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىردى. ئۇربان ناھايىتى پاراسەتلىك ئادەم ئىدى. ئۇ پەقەت دىنىي سەۋەبلەرنىلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرگە چاقىرىق قىلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە مۇقەددەس جاينىڭ ماددىي بايلىقىنىڭ موللۇقىنى، نوپۇسى زىچ بولغان ياۋرۇپاغا قارىغاندا باي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ مۇرىتلارنى غازاتقا چاقىرىپ، شەرققە يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ دەپ جاكارلىغان.
ئۇرباننىڭ دىننى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان نۇتقى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ شەخسىيەتچىلىك ئېڭىنى ئويغىتىپ، كىشىلەرنىڭ غايەت زور قىزغىنلىقىنى قوزغىغان. نۇتۇق ئاياغلاشقاندا كۆپچىلىك بىردەك: <بۇ خۇدانىڭ ئىرادىسى> دەپ ۋارقىراشقانىدى. بۇ بىردەمدىلا ئەھلىسەلپىنىڭ جەڭ شۇئارىغا ئايلانغان. قىسقىغىنا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئەھلىسەلىپ تەشكىللىنىپ بولغان. ئارقىدىنلا بىر قاتار جەڭلەرنى قىلغان. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ جەمئىي سەككىز قېتىم يۈرۈش قىلغان. يەنە بىر نەچچە قېتىم شەرققە ئوتتۇرا كۆلەمدە يۈرۈش قىلغان.
ئەھلىسەلىپ 1099 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېرۇسالىمنى ئىگىلەيدۇ. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇربان ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ سەكراتتا ياتقان ۋاقتىدا شەھەرنىڭ ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلايدۇ.
مېنىڭچە، باشقا ئۇرۇشلارغا باھا بېرىش تەس بولغاندەك ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىغىمۇ باھا بېرىشىمىز ناھايىتى قىيىن. بىراق قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار ۋە يول بويىدىكى پۇقرالارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن.
دەرۋەقە، ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى غەربىي ياۋرۇپانى ئەينى زاماندا غەربىي ياۋرۇپادىن ئىلغار بولغان ۋىزانتىيە مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇرغانىدى. بۇ خىل ئۇچرىشىش ياۋرۇپا ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى ئۈچۈن يول ئېچىپ، ياۋرۇپا يېڭى مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.
ئەگەر پاپا ئۇربان Ⅱ سەپەرۋەرلىك قىلمىغان بولسا، ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىمۇ بولمىغان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىشلار ناھايىتى يولىدا بولغان. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇنىڭ گېرمانىيە كورۇلى ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشنى جاكارلىغان بولسا، شۈبھىسىزكى، غەربىي ياۋرۇپادا ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا ئەگەشمىگەن بولاتتى. پاپا بولسا ياۋرۇپادىكى بارلىق پادىشاھلار بويسۇنىدىغان بىردىنبىر كىشى ھېسابلىناتتى. مېنىڭچە، ئۇربان Ⅱ ئەقىل پاراسەت ۋە باتۇرلۇقتا باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرغانلىقتىن ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارالىغان.