UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەربېل

بېل

يۈز مەشھۇر شەخىس 1847 - 1922 تېلېفوننىڭ كەشپىياتچىسى بېل 1847 - يىلى شوتلاندىيىنىڭ ئېدىنبورگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. گەرچە ئۇ پەقەت بىر نەچچە يىللار مۇنتىزم مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋە ئائىلە تەربىيىسى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئاساسىنى ياخشى سېلىۋالغان. ئۇ گاسلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان تىلىنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى گاس - گاچىلارنى تەربىيلەيدىغان مۇتەخەسىس ئىدى. 1871 - يىلى بېل ئامېرىكىنىڭ ماسسا چوستېس شتاتىدىكى بوستون شەھىرىگە بېرىپ ئۆز كەشپىياتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ، تېلېفوننى ئىجاد قىلىدۇ. 1876 - يىلى 2 - ئايدا پاتېنت ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ، نەچچە ھەپتىدىن كېيىن پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. قىزىق يېرى شۇكى، بېل پاتېنت ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان كۈنى يەنە بىر ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش پاتېنت ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ، بىراق، ئۇ بېلدىن بىر سائەت كېيىن قالغانىدى. بېل پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، فىلادېلفىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىدە تۇنجى تېلېفوننى كۆرگەزمە قىلغاندا، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ھەم يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، غەرب تېلېگراف بىرلەشمە شىركىتى بۇ پاتېنتنى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋېلىشنى رەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بېل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىرلىشىپ، 1877 - يىل 7 - ئايدا، ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇرىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر ئامېرىكا غەرب تېلېفون - تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئاساسىدۇ. تېلېفون تېز، سېلشتۇرغۇسىز ۋە سودا خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەتلەرنىڭ بىرى. ئەر - خوتون بىللارنىڭ قولىدا ئاران بۇ شىركەتنىڭ %51 پاي چېكى بار ئىدى، شىركەتنىڭ زادى قانچىلىك پايدا كۆرىدىغانلىقى نامەلۇم دوللارغا ئۆرلەپ كېتىدۇ، 1877 - يىل 12 - ئايدا، ھەر بىر پاينىڭ باھاسى 100 دوللارغا ئۆرلەيدۇ (نەچچە ئاي ئالدىدا پاي چېكىنىڭ بۇنداق تېز ئۆرلەپ كېتىشنى بىلمىگەن بېل خانىم پاينى 65 دوللاردىن سېتىۋەتمەكچى بولغانىدى). 1881 - يىلى ئەر - خوتۇن بىللار قىلچە ئويلىشىپ ئولتۇرماي قولىدىكى پايلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى سېتىۋېتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، مەلۇم يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئەر - خوتۇننىڭ قولىدىكى پايدىنىڭ قىممىتى يەنە نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنىدى. تېلېفوننىڭ كەشپ قىلىنىشى بىلەن بېل مىليونېر بولدى. بىراق بۇنىڭ بىلەن بېل بوشىشىپ ۋە يېڭى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمايدىغان بولۇپ قالمىدى. ئۇ يەنە تېلېفوندىن باشقا بىر نەچچە تۈرلۈك كەشپىياتلارنى كەشپ قىلدى. ئۇدىققىتىنى نۇرغۇن تەرەپلەرگە قاراتقان بولسىمۇ، بىراق ئاساسىي دىققىتىنى يەنىلا گاس - گاچىلارغا ياردەم بېرىشكە قاراتتى. بېل خانىم ئەسلى بىر گاس قىز ئىدى. بېل ئۇنىڭغا كۆرگىلى بولىدىغان تىلنى ئۆگەتتى. بېل ئىككى ئوغۇل، ئىككى قىز پەرزەنت كۆردى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى كىچىك چېغىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن. بېل 1882 - يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتتى، 1922 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. بېلنىڭ تەسىرىگە باھا بېرىشتىكى ئاساس - تېلېفوننىڭ دۇنيادىكى مۇھىملىقىدا، مېنىڭچە بېلنىڭ كەشپىياتىنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيادا تېلېفوندەك كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلگەن كەشپىيات ناھايىتى ئاز: ئىنسانىيەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، تېلېفوندەك غايەت زور ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشكەن كەشپىيات كەم ئۇچرايدۇ. مەن بېلنى ماركونىنىڭ كەينىگە تىزىشىم، رادىئو ئىشلىتىلىشى كۆپ خىل بولغان بىر تۈرلۈك كەشپىيات، ئۇ تېلېفوندىن مۇھىم، تېلېفون بىلەن يەتكۈزۈلگەن گەپنى رادىئو ئارقىلىقمۇ يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ۋەھالەنكى، رادىئو ئارقىلىق يەتكۈزگەن نەرسىنى تېلېفون ئارقىلىق يەتكۈزگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئاسماندىكى ئايروپىلان بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلاشقىلى بولمايدۇ، پەقەت رادىئو ئارقىلىقلا ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقاندا، بىز بېلنى ماركونىنىڭ كەينىگە تىزىلغانلىقىنى توغرا چۈشىنەلەيمىز. ئەمەلىيەتتە، تېلېفوننىڭ ئىككى ئورنىغا رادىئونى قويۇش مۇمكىن ئەمەس؛ ئىككىنچىسى، بېل ئىجاد قىلغان تېلېفون تروپكىسىنىڭ ئاۋاز چىقىرىشىدىكى ئاساسىي چارە رادىئو نائوشنىكى ۋە ئۈنئالغۇ قاتارلىقلارنى كەشپ قىلغۇچىلار تەرىپىدىن تەتبىقلانغان، شۇ سەۋەبلەردىن ماركونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بېل سەل ئارقىدىراق تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر