UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەركرۇمۋېل

كرۇمۋېل

يۈز مەشھۇر شەخىس 1599 - 1658 كرۇمۋېل - ئاجايىپ داڭلىق ھەربىي قوماندان. ئەنگىلىيە ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا پارلامېنت قوشۇنىنى باشلاپ نۇرغۇن غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر خىل شەكلى - دېموكراتىك پارلامېنت ھۆكۈمىتىنى بەرپا قىلىغۇچىلارنىڭ بىرى. كرۇمۋېل 1599 - يىلى ئەنگىلىيىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى شانياندۇندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ياشلىق مەزگىلىدە ئەنگىلىيە دىنىي تەپرىقە ھالىتىدە ئىدى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەر بىر كورۇل مۇستەبىتلىك ھاكىميەتنى يۈرگۈزمەكچى بولاتتى. كرۇمۋېل ئەسلى بىر دېھقان ئىدى، بىراق ئۇ سادىق پروتېستانت ئىدى. 1627 - يىلى ئۇ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ. بىراق پارلامېنتتا ئۇزۇن تۇرمايلا ياندۇرقى يىلى كوزۇل چارلىز Ⅰ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ ھاكىمىيەتكە تەنھا ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇتلاندىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتىدىغان بولغاچقا، كورۇل يەنە بىر قېتىم پارلامېنت يىغىنى چاقىرىدۇ. كرۇلنىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى تۇرىدۇ. كورۇل بولسا پارلامېنتنىڭ پىكرىگە قوشۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1642 - يىلى كورۇلغا سادىق قوشۇن بىلەن پارلامېنتنى ھىمايە قىلىدىغان قوشۇن ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پاتىلايدۇ. كرومۋېل پارلامېنت تەرەپتە تۇرىدۇ. 1642 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش ئالدىدا، ئۇ يۇرتى شانياندونغا بېرىپ، بىر تۈركۈم ئاتلىق ئەسكەرلەرنى يىغىپ، ئۇلارنى چېنىقتۇرۇپ، كورۇلغا قارشى كۆرەشنى باشلىۋېتىدۇ. تۆت يىللىق ئۇرۇش داۋامىدا، كرۇمۋېلنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى ئىقتىدارى ھەقىقىي ئىپادىلىنىدۇ. 1644 - يىل 7 - ئايدا ئۇنىڭ ئاتلىق قوشۇنى ماكىدونيە دالاسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قتېىملىق جەڭدە شاھزادە روبېرتنىڭ قوشۇنىنى مەلغۇپ قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا ئۇنىڭ قوشۇنى <ساۋۇتلۇق قوشۇن> دەپ نام ئالدى. 1645 - يىل 6 - ئايدا نىسبى ئۇرۇشىدا كورۇلنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىپ، يەنە بىر قېتىم زور غەلبە قىلدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا، كورۇل قوشنۇنىنى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە كورۇلنى قولغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن كرۇمۋېل ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق گېنېرال بولۇپ قالدى. بىراق، بۇ بىر يۈرۈش ئۇرۇش ئاخىرىدا تىنچلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمىدى، چۈنكى، پارلامېنت نىشانى ئوخشاش بولغاچقا، كورۇل ئىككى ئوتتۇرىدا مۇرەسسە قىلىشنى باھان قىلىپ ھىيلە - مىكىر ئىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئۇرۇش قايتىدىن پارتىلىدى. كورۇل پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىپ، قايتىدىن قوشۇن تارتىپ، يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قىلماقچى بولدى. كرۇمۋېل ناھايىتى كەسكىن جەڭ ئېلىپ باردى. ئۇ كورۇل قوشۇنىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلدى ھەم كورۇلنى قولغا ئالدى، 1649 - يىل 1 - ئايدا، كورۇل چارلىز Ⅰنى سوتلىدى ھەم ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. كورۇل ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، <كەمتۈك پارلامېنت> بىرىتانىيە ئارىلىدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى دەرھال جاكارلىدى. كرومۋېل باشچىلىقىدىكى دۆلەت كومىتېتى ۋاقىتلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ تۇردى. بىراق شوتلاندىيىلىكلەر بولسا ستۇرئارت سۇلالىسىنى ھىمايە قىلىپ، چارلىز Ⅰ نىڭ كەنجى ئوغلى چارلىز Ⅱ گە تاج كىيدۈردى. ئىرلاندىيىلىكلەر بولسا پارلامېنتنىڭ قارارىغا قارشى چىققانىدى. كرۇمۋېل ئەينى ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەت قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى ئىدى. ئۇ شوتلاندىيىلىكلەر بىلەن ئىرلاندىيىلىكلەر بىلەن ئىرلاندىيىلىكلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەغلۇپ قىلدى. 1652 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش مۇنارخىستلارنىڭ تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، يېڭى ھاكىمىيەت قۇرىدىغان ۋاقىت كېلىپ قالدى. بىراق بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇن شەكلى قانداق بولىدۇ دېگەن يېڭى بىر قىيىن مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ بۇ مەسىلە كرومۋېلدىن بۇرۇن زادى ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقان بىر مەسىلە ئىدى. كرۇمۋېل گەرچە ھەربىي ئىشلاردا ناھايىتى ئىقتىدارلىق ۋە ئابرويلۇق باش قوماندان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزى بىلەن ھىمايە قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلارنى يوقىتىشقا ئامالسىز ئىدى. ھەمدە ئۇلارنى يېڭى ئاساسىي قانۇن بېكىتىشكە ماقۇل بولغۇزالمىغانىدى، بۇنىڭ سەۋەبى پروتېستانتلارنىڭ ئىچكى قىسىمىمۇ خۇددى كاتولىكلارنىڭ ئىچكى قىسىمىغا ئوخشاشلا نەچچىگە پارچىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، پىكىر بىردەكلىكى يوق ئىدى. كرۇمۋېل ھايات ۋاقتىدا ئۈچ قېتىم پارلامېنتنى تارقىتىۋەتتى. 1653 - يىلدىن 1658 - يىلغىچە <دۆلەتنى قوغدىغۇچى كىنەز> دېگەن نام بىلەن ئەنگىلىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ياخشى ھۆكۈمەت ئىدى، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ناھايىتى ئېپى بار ئادەم ئىدى. ئۇ نۇرغۇنلىقغان ئادىل بولمىغان قانۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ مائارىپ ئىشلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى. كرۇمۋېلنىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردىكى، ئۇ ياۋرۇپادا مۇستەبىتلىك ئەۋج ئالغان دەۋرىدە دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلغانىدى. ئۇ ئۆزىگە پادىشاھلىق تاجىنى كىيدۈرۈشنى رەت قىلغان. بۇ خىل دېموكراتىيە - 18 - ئەسىردە فرانسىيىدە پەلسەپىۋى ئاقارتىش ھەرىكىتى ۋە چوڭ ئىنقىلاب ھەرىكىتى بارلىققا كېلىشنىڭ ئاساسىي ئامىلى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا ياۋرۇپادا نۇرغۇن دېموكراتىك دۆلەتلەر قۇرۇلدى. روشەنكى، ئەنگىلىيە دېموكراتىيە كۈچلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشى، ئامېرىكىدا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىلىرىدە دېموكراتىيە تۈزۈمى تۇرغۇزۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىدى.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر