UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەردارۋىن

دارۋىن

يۈز مەشھۇر شەخىس 1809 - 1882 تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى دارۋىن 1809 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەنگلىيىنىڭ شرۇسبىلدە تۇغۇلغان. 16 يېشىدا ئىدىنبورگ داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرگەن، مېدىتسىنا ۋە ئاناتومىيە بىلەن خۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كامبرىج داشۆسىنىڭ تېئولوگىيە فاكۇلتېتىغا ئالمىشىپ كەتكەن. بۇ مەكتەپتە ئۇ بىر ئوقۇتقۇچىنى ئۆزىنى ناتۇرال ئىلمى ئاسپىرانتى قاتارىدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بېگىر ناملىق تەكشۈرۈش پاراخوتى بىلەن بىرگە يەرشارىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ساياھىتى ئېلىپ بېرىشقا كۆرسىتىشكە ماقۇل كەلتۈردى. ئۇنىڭ دادىسى باشتا بۇ ئىش ئۇنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يېتىدۇ، دەپ قوشۇلمىغانىدى. بىراق، بەختكە يارىشا دادىسى ئاخىرى ئوغلىنىڭ بۇ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىغا قوشۇلدى. 1831 - يىلى، بېگىر ناملىق تەكشۈرۈش پاراخوتى يولغا چىقتى، بۇ چاغدا دارۋىن 22 ياشتا ئىدى. پاراخوت يەر شارىنى ئايلىنىپ دېڭىزدا بەش يىل ئۈزدى، ئالدى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا دېڭىز ياقىسىغا يېتىپ كەلدى، كېيىن تىنچ ئوكياندا ئۈزدى، نۇرغۇنلىغان ئاراللارنى ئەگىپ ئۆتۈپ، ھىندى ئوكيان تاقىم ئاراللىرىغا يېتىپ كەلدى، ئاخىرىدا جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكيانغا كەلدى. دېڭىز ساياھىتى جەريانىدا، دارۋىن نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرىلەرنى كۆردى، نۇرغۇنلىغان ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنى زىيارەت قىلدى. نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلارنى بايقىدى. ھەرخىل ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھايات كەچۈرۈش ۋە ئۆسۈش ئەھۋاللىرىنى كۆزەتتى. ئۇ يەنە كۆرگەنلىرىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، خاتىرىلەپ ۋە ئۇنىڭغا ئۆز قاراشلىرىنى يېزىپ ماڭدى. بۇ خاتىرىلەر ئۇنىڭ كېيىنكى تەتقىقاتىغا ئاساس سالدى. 1836 - يىلى، دارۋىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى، كېيىنكى 20 يىل داۋامىدا، ئۇ بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، غايەت زور ئاتاق قازىنىپ، ئەنگلىيىدىكى ئۇلۇغ بىئولوگلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. دارۋىن ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى مۇقىم بولمايدۇ. ئۇلاردا تۈر ئۆزگىرىش بولىدۇ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغانلىرى ئەۋلادمۇ قالدۇرالايدۇ. ماسلىشىشچانلىقى بولمىغانلىرى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ دەپ قارايتتى. ئۇ توماس مالىتۇسنىڭ بىر پارچە ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ياشاش رىقابىتى ۋە تەبىئىي شاللىنىش ئىدىيىسى شەكىللىنىشكە باشلىدى. ئۇ يەنە مەلۇم كۆز قاراش ۋە ماتېرىياللارنى توپلىغاندىن كېيىن، بۇ قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى <تۈرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى> نى يېزىپ چىقتى. دارۋىننىڭ يېڭى ئەسىرى <ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جىنىسنىڭ تاللىنىشى> ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق بەس - مۇنازىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى. بۇ ئەسەردە مۇنداق بىر ئىدىيە، يەنى؛ ئادەم - ئادەمسىمان مايمۇندىن تەرەققىي قىلىپ كېلىپ چىققان، دېگەن ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ كىتابنىڭ نەشىردىن چىقىشى ئەسلىدىكى مۇنازىرىگە نىسبەتەن خۇددى ئوت ئۈستىگە ماي چاچقاندەك تەسىر قوزغىدى. بىراق، دارۋىن دېڭىز ساياھىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇنازىرىگە ئۆزى قاتناشمىدى. شۇنداقتىمۇ دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى مۇنازىرىلىشىش ماھىرى توماس ھېيكسېلنى ئۆزلىرىگە ۋەكىل قىلىپ تاللىدى. شۇنداق قىلىپ، 1882 - يىلى، دارۋىن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئىلىم - پەن ئالىملىرى دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى. دارۋىن - تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ بەرپاچىسى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ خىل نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار چىقمىغانىدى. دارۋىننىڭ تۆھپىسى ئۇ پەقەت تەبىئىي تاللىنىش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇنلىغان قايىل قىلارلىق ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تۈرلەرنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقى، ماسلىشىشچانلىقى بارلار ھايات قالىدىغانلىقى، سۈپەتلىكلەر ساقلىنىپ قالىدىغانلىقى، سۈپەتسىزلەرنىڭ يوقىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قىياسىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئېرسىيەت نەزەرىيىسى ياكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەلىماتلارغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەمەس. دارۋىن دەۋرىدە، مەلۇم ئالاھىدە نەرسىلەر ئەۋلاتىن - ئەۋلاقا ئېرسىيەت قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىلىملەردىن خەۋىرى بار بىرەرمۇ ئادەم يوق ئىدى. مېندېل ئېرسىيەتنى تەتقىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، دارۋىن بۇ ھەقتە كىتاب يېزىۋاتقان ئىدى. مېندېلنىڭ دارۋىن تەلىماتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى 1890 - يىلىدىن باشلاپ كىشىلەرگە تونۇلۇشقا باشلىدى. ۋەھالەنكى، دارۋىن تەلىماتى بولسا بۇ چاغدا كەڭ كۆلەمدە تارقالغانىدى. دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى دىنغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى. نۇرغۇنلىغان خرىستىئان مۇرىتلىرى پروفېسسور دارۋىننىڭ نەزەرىيىسى دىن ئەقىدىلىرىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق دەپ قاراشتى. ئۇلارنىڭ قورقىشى يوللۇق ئىدى. روشەنكى، دىن ئىدىيىلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشتا يەنە باشقا مۇھىم ئامىللارمۇ زور رول ئوينىدى. رېئاللىقتىمۇ دارۋىننىڭ كۆز قارىشى ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا بولغان قارىشىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى. ئىنسانىيەت ئەمدى تەبىئەت دۇنياسىدا بۇرۇنقىدەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ قارالمايدىغان بولدى. بىز ئۆزىمىزنى يەر شارىدا ياشاۋاتقان ھاياتلىق تۈرىنىڭ بىرى دەپ قارىشىمىز كېرەك؛ شۇنى ئويلاپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئاخىرى بىر كۈنى بۇ خىل ئەۋزەللىكنى يوقىتىپ قويۇشىمىز مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر