UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرئىمپېراتور پېتر

ئىمپېراتور پېتر

يۈز مەشھۇر شەخىس 1672 - 1725 ئىمپېراتور پېتر روسىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ مەشھۇر چار پادىشاھ. ئۇنىڭ خەلقنى ۋە دۆلەتنى غەربنىڭ ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيىتىنى ئۈلگە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتى روسىيىنى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرغان ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. پېتر 1672 - يىلى موسكۋادا تۇغۇلغان چار پادىشاھ ئالېكسېينىڭ ئىككىنچى خوتۇنىدىن بولغان يالغۇز ئوغلى ئىدى. پېتر ئەمدىلا تۆت باشقا كىرگەندە ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئالېكسېينىڭ بىرىنچى خوتۇنى 31ى تۇغقاچقا ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ ئۇزۇنغىچە داۋام قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. بىر قېتىملىق بالدا پېتر جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قېچىپ كەتكەندە ئاتا بىر، ئانا باشقا ھەدىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەخت ۋارىسى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ ھەدىسىنى تەختتىن چۈشۈرگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ھەقىقىي ئورۇن ۋە نوپۇزغا ئىگە چار پادىشاھ بولالمىدى. ئەينى ۋاقىتتا زوسىيە قالاق بىر دۆلەت بولۇپ، غەربىي ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كەينىدە قالغان، تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن قارىغاندا، بىر نەچچە ئاسىر ئارقىدا تۇراتتى. شۇ مەزگىللەردە روسىيىنىڭ شەھەرلىرى غەربىي ياۋرۇپانىڭكىگە قارىغاندا ناھايىتى ئاز ئىدى. قوللۇق تۈزۈم ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى، قۇللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، يانچىلارنىڭ سانى تەدرىجىي كۆپەيگەن. روسىيە گۈللىنىش ۋە دىنىي ئىسلاھات دەۋرىنىڭ پۇرستىنى قولدىن بېرىپ قويغان ئىدى. مائارىپ خادىملىرىمۇ نادان ئىدى، ئەدەبىيات ساھەسى ئاق دېيەرلىك ئىدى. خەلق نېمىنىڭ ماتېمارتىكا، ئىلىم - پەن ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى؛ بۇ پەنلەرگە ھەمىشە مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن قارايتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە، روسىيە دەل ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئېغىر ئۇيقۇدا ياتقان چاغدا، ياۋرۇپانىڭ پەلسەپە ۋە ئەدەبىياتىدا گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەن، نيۇتوننىڭ ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى ھەققىدىكى ئەسىرى دۇنياغا كەلگەن ئىدى. 1697 - يىلىدىن 1698 - يىلغىچە پېتر ئۆزى <ئەلچىلەر ئۆمىكى> بىلەن بىللە غەربىي ياۋرۇپادا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكى 250 كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى، ئۇ ياۋرۇپانىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتكە ئائىت ئاخباراتلىرىنىمۇ توپلىماقچى بولدى. پېتر ئىسمىنى يېفتىيۇر مىخايىلوۋغا ئۆزگەرتىپ، غەربتىكى ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئىگىلىدى؛ ئەگەر ئىسمىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسا، ئۇ شۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى كۆرەلمىگەن بولاتتى. تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، پېتر تۆت ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ كېمىسازلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، سائاردامدا گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شېركىتىنىڭ كېمەسازلىق زاۋۇتىدا ياغاچچىلىق قىلىدى. ئەنگىلىيىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ داۋاملىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى. دېتفۇت خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى دوكىدا ئىشلىدى ھەمدە زاۋۇت، مەكتەپ، مۇزىيلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەتتا ئەنگىلىيە پارلامېنتىنڭ مەجلىسىگە بېرىپ سىرتتىن ئاڭلىدى. ئومۇمەن ئۇ غەربىنىڭ مەدەنىيىتى، ئىلىم - پەن، سانائىتى ۋە باشقۇرۇش تېخنىلىكىرىدىن ئۆگىنىشكە بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تىرىشىپ ئۆگەندى. 1698 - يىلى پېتر روسىيىگە قايتىپ كېلىپ، روسىيىنى يېڭىچە غەرب دۆلىتىگە ئايلاندرۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. ئۇ زور تۈركۈمدىكى غەربىلىك مۇتەخەسسىلەرنى روسىيىدە خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ياشلارنى غەربكە ئۆگىنشكە ئەۋەتتى، ئۇ سانائەت ۋە سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بەردى. شەھەرلەرنى كېڭەيتىپ قۇردى. بۇرژۇئازىيە سان جەھەتتىن كۆپىيىپ، رولىمۇ زورايدى. پېتر روسىيىنىڭ تۇنجى فلوتىنى قۇرۇپ چىقتى، غەربنىڭ ئەندىزىسى بويىچە مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ، ئارمىيىنى بىرلىككە كەلگەن فورما، زەمبىرەك ۋە يېڭى تىپتىكى قارا مىلتىقلىقلار بىلەن جابدۇقلاندۇرۇپ غەربنىڭ ئۇسۇل ۋە ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ھەربىي مەشىق ئېلىپ باردى. كېيىن مەمۇرىي تۈزۈم جەھەتتە كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا ئاساسەن ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ يۆتكەيدىغان كونا قائىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا، ئەمەلدارلارنى ئەمەلىي ئىقتىدارىغا قاراپ ئۆستۈرىدىغان يېڭى تۈزۈمنى ئورناتتى. ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە پېتر ياۋرۇپالىشىشنى يولغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈردى. مەسىلەن، ئۇ ئۇزۇن ساقال قويماسلىق توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى (بۇ پەرمان كېيىن ئۆزگەرتىلگەن). ئۇ سوتچىلارنىڭ غەربچە فورما كىيىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى. ھەمدە تاماكا چېكىش، قەھۋە ئىچىشنى مەنئى قىلدى. ئۇنىڭ تەكلىپى قارشىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشتى زور تۈركۈمدىكى ئاقسۆڭەكلەر ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە بويسۇنغانلىقتىن غەربنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى تەدرىجىي ئىگىلىدى. ئىمپېراتور پېتر روسىيىنىڭ پراۋۇسلاۋىيە دىنى قالاق، رولى يوق دەپ قارايتتى. ئۇ چېركاۋنى قايتا تەشكىللەش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش جەھەتلەردە بەزى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. ئىمپېراتور پېتر دىندىن خالىي ھەر خىل مەكتەپلەرنى قۇرۇشقا پەرمان چۈشۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشىلىدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ غەربىي ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلدى. 1703 - يىلى، ئۇ روسىيە بويىچە تۇنجى گېزىت <ئاخبارات گېزىتى> نى تەسىس قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت پېتر تاشقى سىياسەتلەرنى بېكىتىشكە باشلىغان. شۇنداقلا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. روسىيە ئاخىرى جەنۇپتا تۈركىيە بىلەن، شىمالدا شىۋېتسىيە بىلەن ئۇرۇشتى. 1696 - يىلى روسىيە تۈركىيىنىڭ ئازوۋ تۇمشۇقىنى بېسىۋېلىپ، كاسپى دېڭىزىغا قاراپ ئىلگىرىلەشتىكى تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى. بىراق، ئىمپېتراتور پېترنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە روسىيە ئازوۋ تۇمشۇقىنى يەنە تۈركىيىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر