UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرپائۇل

پائۇل

يۈز مەشھۇر شەخىس بىرىنچى ئەسىرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئاپوسلى پائۇل قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زاماندىشى، يېشى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن سەل كىچىك، كېيىن خرىستىئان دىنىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مېسسىئونېر بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ خرىستىئان تېئولوگىيىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. ھەرقانداق بىر خرىستىئان يازغۇچىسى ۋە مۇتەپەككۇرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنى يالدامىسى ھەممىدىن كۆپ. پائۇل ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىدىكى سىلېزىيە رايونىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. گەرچە ئۇ رىم پۇقراسى بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىچىكىدىنلا يەھۇدىي مەدەنىيىتىدىن تەلىم ئالغان، ئۇ يەنە چېدىر تىكىش ھۈنىرىمۇ ئۆگەنگەن. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، دەسلەپتە خرىستىئان مۇرىتلىرى غەيرىي دىندىكىلەر قاتارىدا قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان، پائۇلمۇ ئۇلارغا زەربە بېرىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. بىراق، پائۇل دەمەشىقتە ساياھەت قىلىپ يۈرگەن مەزگىلدە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن پاراڭلىشىپ چۈش كۆرۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كرېستكە مىخلانغان ئىيسانىڭ قايتا تىرىلگەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن. ئۇ يېڭى دىنغا كۆچىدۇ. بۇ پائۇلنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش ئىدى. ئەسلى خرىستىئان دىنى بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەلگەن پائۇل بۇ دىننىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى ۋە بۇ دىندا تەسىرى ئەڭ زور شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. پائۇل كۆپ ئىزدەندى، يازدى ۋە ئۆز ھاياتىنى خرىستىئان دىنىغا يېڭى مۇرىتلارنى توپلاش پائالىيىتى بىلەن ئۆتكۈزدى. ئۇ دىن تەرغىپ قىلىش پائالىيىتى جەريانىدا، ئاناتولىيە، گرېتسىيە، پەلەستىنلەرنى ئايلىنىپ چىقتى. بىرقا ئۇ خرىستىئان دىنىنىڭ پېشىۋاسىدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خرىستىئان دىنىنى يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىتالمىدى. ئۇنىڭ دىن تارقىتىش ئۇسۇلى بەزىدە كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قوياتتى، بۇ سەۋەبتىن ئۇ كۆپ قېتىم خەتەرگە ئۇچرىغانىدى، بىراق يەھۇدىيلاردىن باشقىلارغا دىن تەرغىپ قىلغاندا، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقتىن <ئاپوسلې> دەپ ئاتالدى. دېمەك، ئۇ خرىستىئان دىنىنى تەرغىپ قىلىش جەريانىدا باشقا ھېچقانداق ئادەم ئوينىيالمىغان غايەت زور رولنى ئوينىدى. ئۈچ يىللىق دىن تەرغىپ قىلىش ساياھىتىدىن كېيىن، پائۇل ئېرۇسالىمغا قايتىپ كەلدى، ئۇ يەردە قولغا ئېلىندى، كېيىن رىمغا يالاپ بېرىپ سوتقا تارتىلدى؛ قانداق سوتلانغانلىقى، قانداق ئاخىرلاشقانلىقى بىزگە نامەلۇم (سوتلانغان ۋاقتى ئېھتىمال مىلادى 64 - يىلى بولسا كېرەك)، بىراق، ئۇنىڭغا رىم ئەتراپىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنىدى. خرىستىئان دىنىنىڭ تەرەققىياتىدا پائۇلنىڭ ئوينىغان رولىنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ: 1. مېسسىئونېر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 2. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى <گوسپېل> نىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. 3. خرىستىئان تېئولوگىيىسىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. <گوسپېل> جەمئىي 27 پارە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 14 پارىنى پائۇل يېزىپ چىققان. ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا نىسبەتەن پائۇلنىڭ ئىدىيىسى (قارىشى) مۇنداق: ئىيسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپلا قالماستىن، ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ گۇناھىمىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئازاب چېكىش بەدىلىگە بىزنى قۇتقۇزدى. ئادەم پوپنىڭ پەرمانىنى ئىجرا قىلىشى بىلەنلا گۇناھى ساقىت بولمايدۇ. بىراق، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەندىلا ھەرقانداق ئادەمنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. دەسلەپتە خرىستىئانلار نۇرغۇن مەسىلىلەردە پائۇل بىلەن پىكىردە بىردەك بولالمىدى؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ پىكرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسا، خرىستىئان دىنىنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىدە تارقالغىنىدەك تېز سۈرئەتتە باشقا جايلاردا تارقىلالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلماق قىيىن ئىدى. پائۇل ئۆمرىدە نىكاھلانمىغانىدى. جىنسىي قىلمىش ۋە ئاياللار توغرىسىدا، پائۇل ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبچى بولغان، دەپ قارايدۇ. پائۇل مۇنداق دەيدۇ: <مەن توي قىلمىغان ۋە بويتاق ئەر تۇل خوتۇنلارغا شۇنى دەپ قويايكى، ئۇلار ئەڭ ياخشىسى مەندەك تۇرمۇش كەچۈرسۇن. بىراق ئۇلار چىدىيالمىسا، توي قىلىۋەرسۇن! چۈنكى توي قىلىش ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنى ئۆرتىۋالغاندىن ياخشى.> ئاياللارنىڭ ئورنى توغرىسىدا، پائۇل ھەم تەرسالىق بىلەن ھەم يۈرەكلىك بىلەن مۇنداق قارايدۇ: <ئاياللارنى ئۈن - تىنسىز ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۆگەنگىلى قويۇڭلار! بىراق، مەن ھەرقانداق ئايالنىڭ ئەرلەرنىڭ نوپۇزىنى بىلىشىگە ياكى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويمايمەن. ئاياللار ئۈن - تىنسىز خىزمەت قىلسۇن! چۈنكى ئالدى بىلەن ئادەم ئاتا، ئاندىن ھاۋا ئانا ئاپىرىدە بولغان.> ئاپوسلې پائۇل خرىستىئان دىنىنى بىر يەھۇدىيلار گۇرۇپپىسىدىن دۇنياۋى دىنغا ئايلاندۇرغان تۇنجى يولباشچى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. نۇرغۇن خرىستىئان تېئولوگلىرى، مەسىلەن، ئاۋگۇست، ئاكۇنئاس، لۇدېر، كالۋىن قاتارلىقلار ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر
پائۇل | UyghurWiki | UyghurWiki