ماخاۋىرا
يۈز مەشھۇر شەخىس
تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇن 599 - 527
چېنا دىنى قەدىمكى ھىندىستاندىكى بىر خىل دىن بولۇپ، مىلادىدىن 6 ئەسىر بۇرۇنقى چاغدا كىشىلەر ئېتىقاد قىلشقا باشلىغان. بۇ دىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، بىلىم، ئېتىقاد ۋە ساۋابلىق ئىشلار بىلەن روھنى تازىلاش.
ماخاۋىرا چېنا مۇرىتلىرىنىڭ بۇ دىننى ياراتقۇچى ۋاردخامانى ھۈرمەتلەپ ئاتىشى.
ۋارادخامانا مىلادىدىن 599 يىل بۇرۇن ھىندىستاننىڭ شىمالىدا تۇغۇلغان بولۇپ، گائۇتاما سەدغارت بىلەن بىر جايدا تۇغۇلغان بولۇپ، يېشى ئۇنىڭدىن سەل چوڭراق ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككىيلەننىڭ ھايات تارىخىدا كىشىلەرنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدىغان جايلىرى بولغان. ۋاردخامانا مەلۇم يولباشچىنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ، ئۇ گائوتاما سەدغارتقا ئوخشاش راھەت - پاراغەتلىك مۇھىتتا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. 30 يېشىدا راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئايالى ۋە بالا - چاقىلىرىنى تاشلاپ، سىرتتا دەرۋىشلىك قىلىپ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان.
ۋاردخامانا سىرتتا 12 يىل دەرۋىشلىك قىلىپ يۈرۈپ، كۆپ ئويلىنىپ، مەجبۇرىي ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئۇ ھەمىشە روزا تۇتاتتى، يېنىغا ھېچقانداق مال - دۇنيا يىغمايتتى ھەتتا سۇ ئىچىدىغان ياكى سەدىقە تەلەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۇرۇشكىسىمۇ يوق ئىدى. دەسلىپىدە ئۇ ئۇچىسىغا ئاق ئۇزۇن چاپاننى كېيىۋېلىپ، ئۇنى كېچە - كۈندۈز ئۇچىسىدىن سالمىغانىدى؛ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۇچىسىدىكى ئۇزۇن چاپىنىنى تاشلىۋېتىپ، قىپيالىڭاچ بولۇۋېلىپ تۇشمۇ - تۇشتا ئايلىنىپ يۈرگەن. قۇرت - قۇڭغۇزلار ئۇنىڭ بەدىنىگە چىقىۋالسا، ھەتتا چاقىسىمۇ ئۇ روھىمنى تازىلاشقا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، بەدىنىمنى ئازابلاندۇرۇشىمىز لازىم دەپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغان.
ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستاندا ئۇنداق سەرگەردانلار ناھايىتى كۆپ بولمىغان. كىشىلەر ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ، ئۇنى ئاخماق قىلشقان ۋە مەسخىرە قىلىشقان، بەزى كىشىلەر ھەتتا ئۇنى ئۇرغان. ئۇ لام - جىم دېمەي تاقەت قىلىپ تۇرغان. ئەزەلدىن ئۆچ ئېلىش ياكى ئىززەت - ئابرويىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىمۇ ئويلاپ باقمىغان.
42 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ئۆزىنى ئەۋلىيالىق ماقامىغا يەتتىم دەپ ھېسابلاپ، چېنا دىنىنىڭ 23 - ئەۋلاد ئۇستازى پارسۋاناخانىڭ تەلىماتىنى سىستېمىلىق ھالدا رەتلەپ چىقىپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى چېنا دىنىنىڭ نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە جىنا دىنىنىڭ تەشكىلىي ۋە دىن قائىدىسىنى بېكىتىپ چىققان. مىلادىدىن 527 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر نەچچە مۇرىتى بولغان.
ماخاۋىرانىڭ تەلىماتى مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا گائۇتاما سەدخارتنىڭ تەلىماتى بىلەن ئوخشىشىپ كېتەتتى. چېنا دىنى مۇخلىشلىرى ئادەم ئۆلسىمۇ روھى ئۆلمەيدۇ، ئۇ باشقا بىر نەرسىگە (چوقۇم ئادەم بولۇشى ناتايىن) كۆچۈپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇڭا روھ كۆچۈش توغرىسىدىكى تەلىمات چېنا دىنىنىڭ ئىديىۋى ئاساسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. چېنا دىنى مۇخلىسلىرى تەقدىرگە ئىشىنىپ، سەۋەب - نەتىجىلىك جازانى يەنى ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىقنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى دەرۋىش بولۇش ئارقىلىق ماددىي دۇنيانىڭ ئاسارىتىدىن قوتۇلۇپ، روھىنى پاكلاشتۇرۇشتەك ئەڭ ئالىي غايىۋى مەنزىلگە يەتمەكچى بولاتتى. جىنا دىنى مۇخلىسلىرى جانلىقلارنى ئۆلتۈرمەسلىكتە ياكى غەيرىي زوراۋانلىق پىرنسىپىدا جۈملىدىن ئادەملەرگە ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ زوراۋانلىق ئىشلەتمەسلىكتە چىڭ تۇراتتى. مۇشۇ ئېتىقاتىغا ئاساسەن، بىز ئۇلارنىڭ گۆشلۈك تاماق يېمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئىخلاسمەن دىندارلار چۈمۈلىنىمۇ ئۆلتۈرمەيتتى، ھاشارەتلەرنى كۆرمەي يەپ سالمايلى دەپ كۈن نۇرى غۇۋا جايلاردا بىر نېمە يېمەيتتى. چېنا دىنىنىڭ دەرىجىدىن ئاشقان دىندارلىرى يول يۈرگەندە كۆرمەي قىلىپ يولدىكى قۇرت - قۇڭغۇزلارنى دەسسەپ سېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئادەم ياللاپ يول سۈپۈرگۈزەتتى.
دىن قائىدىسى بويىچە قول ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنغاچقا، چېنا دىنى دىندارلىرى دېھقانچىىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانمايتتى. گەرچە ئۇلار يېزا ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان دۆلەتتە ياشىسىمۇ، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماي سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى.
چېنا دىنى ھايۋانلارنى بوغۇزلاش مەنئى قىلىنىدىغان ھىندىستان دىنىغا تەسىر كۆرسەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ غەيرىي زوراۋانلىق تەلىماتى ھىندىستان مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى گەندىگە تەسىر كۆرسەتكەنىدى. چۈنكى گەندى چېنا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر پەيلاسوپنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇ پەيلاسوپنى ئۆزىنىڭ روھىي يېتەكچىسى قىلغانىدى.