سۈي ۋېندى
يۈز مەشھۇر شەخىس
541 - 604
جۇڭگونىڭ پارچىلانغان ھالىتى بىر قانچە يۈز يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن سۈي ۋېندى جۇڭگونى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىرلىككە كەلتۈردى. سۈي ۋېندى ئورۇنلىغان سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن ھالەت بىر نەچچە ئەسىر داۋام قىلدى. جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى ئۇنىڭ سىياسىي ئۇتۇقى ئىدى. بىرلىككە كېلىش ئارقىسىدا جۇڭگونىڭ نوپۇسى دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 5/1گە يەتكەن، ئۇلار يولۇققان ئۇرۇش كۈلپەتلىرىمۇ ياۋرۇپا، ئوتتۇرا شەرق ياكى دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئازايدى.
چىن سىخۇاڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىردە جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەن. لېكىن چىن سۇلالىسى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن يىمىرىلىپ، ئارقىدىن خەن سۇلالىسى ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ سۇلالە مىلادىدىن 206 يىل بۇرۇنقى يىلدىن مىلادى 202 - يىلغىچە جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. خەن سۇلالىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن جۇڭگو خۇددى رىم ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى ياۋرۇپا باشتىن كەچۈرگەن جاھالەتلىك يىللاردىكىگە ئوخشاش پارچىلىنىپ ئۇرۇش ئۇتلىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى.
سۈي ۋېندىنىڭ ئەسلى ئىسمى ياڭ جيەن بولۇپ، 541 - يىلى جۇڭگونىڭ شىمالىدا پادىشاھ جەمەتى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شىمالىي جۇ ئوردىسى دەۋرىدە ئاتىسى ياڭ جۇڭنىڭ سۈي بېگىلىك مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ شىمالىي جۇ پادىشاھىنىڭ جۇڭگونىڭ شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، ھەمدە قىزىنى پادىشاھ جۇ شۇەندىگە ياتلىق قىلغان. بەش يىلدىن كېيىن جۇ شۇەندى ئۆلگەندە بالا پادىشاھ جۇجىڭدىگە ياردەملەشكەن، كېيىن خانلىق ئونىنى تالىشىش كۈرىشى باشلانغان، ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبە قىلىپ، 581 - يىلى جۇجىڭدىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلىغان. يىلنامىسىنى كەيخۇاڭغا، دۆلەت نامىنى سۈيگە ئۆزگەرتىپ سۈي ۋېندى دەپ ئاتالغان. ئۇ پەقەت جۇڭگونىڭ شىمالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماستىن، 588 - يىلى پۈتۈن جۇڭگونىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان.
سۈي ۋېندى بىرلىككە كەلگەن خانلىق ئۈچۈن بىر ئازادە يېڭى پايتەخت قۇرغان. ئارقىدىن خۇاڭخې - چاڭجىياڭ چوڭ قانىلىنى تۇتاشتۇرۇشقا باشلىغان. چوڭ قانال ئۇنىڭ ئوغلى سۈي ياڭدى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە پۈتتۈرۈلۈپ، جۇڭگونىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتكەن.
ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى ئارقىلىق ئەمەلدارلارنى تاللاش - سۈي ۋېندى يولغا قويغان ئەڭ مۇھىم ئىسلاھات ئىدى. بۇنداق ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى جۇڭگودا مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت يولغا قويۇلدى، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىن كەلگەن. ئەمەلدار ۋە مەمۇرىي باشقۇرغۇچى خادىملاردىن تەركىب تاپقان خېلى ئىقتىدارلىق ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىنى ئېلىش ئورگىنى بارلىققا كەلدى.
سۈي ۋېندى مۇنداق بىر خىل ئېھتىيات پرىنسىپىنى بېكىتكەنىدى. يەنى، ئۇ ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ئۆلكىسىدە ئەمەل تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئاغىنىدارچىلىق يۈزىسىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىدىن ۋە يېقىنلىرىنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇشىدىن ساقلانغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ مۇنارخىيلىك ھاكىمىيەتكە تەھدىت سالىدىغان بازا قۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.
سۈي ۋېندى باتۇرلۇقتا باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشەتتى، لېكىن ئۇ ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ، ئىسراپچىلىق ۋە بۇزۇپ - چېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جىددىي تەدبىرلەرنى قوللانغان. ئۇ پۇقرالارنىڭ باج - سېلىقىنى يېنىكلەتكەن، تاشقى سىياسەتتىمۇ ئومۇمەن ئۇتۇقلۇق بولغانىدى.
ئەمما بۇ پادىشاھ ئۆزىنىڭ خانىكەسىگە قارىغاندا بىر ئاز ئاجىز ئىدى. ئۇنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭ دۆلەتنى تۈزۈشى ۋە چوڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، ھەتتا ئۇنىڭ تەختكە چىقىشىغىمۇ تۆھپە قوشقانىدى. سۈي ۋېندى 604 - يىلى 63 يېشىدا ۋاپات بولدى؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ كېسەل بولۇپ ياتقاندا چېغىدا خانىكە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىككىنچى ئوغلى تەرىپدىن ئۆلتۈرۈلگەن، كېيىن پادىشاھلىق مۇشۇ ئوغلىنىڭ قولىغا ئۆتكەنىكەن.