UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرفارادېي

فارادېي

يۈز مەشھۇر شەخىس 1791 - 1867 ئېلېكتر سايمانلىرى دەۋرى بارلىققا كەلدى. بىزنى بۇ دەۋرىمىز بەزىدە ئېفىر (ئالەم بوشلۇقى) دەۋرى دېيىلسە، بەزىدە ئاتوم دەۋرى دېيىلىدۇ. گەرچە شۇنداق دېيىلسىمۇ، بىراق ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى، ئاتوم قوراللىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق يوشۇرۇن كۈچلەرنىڭ، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور. ۋەھالەنكى، بىز ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېلېكتر سايمانلىرى ئىشلەتمەكتىمىز ھەمدە خاتىرجەم ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ھازىرغىچە تېخى ھېچقانداق بىرخىل تېخنىكىنىڭ بىزنى توك ئىشلەتكىنىمىزدەك يېڭى بىر دەۋرگە ئېلىپ كىرىدىغان بىشارىتى يوق. ئېلكتېر جەھەتتە نۇرغۇن كىشىلەر تۆھپە ياراتقان. بىراق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى يەنىلا ئەنگلىيىلىك ئىككى ئالىم فارادېي بىلەن ماكسىۋېل، گەرچە بۇ ئىككى ئالىم خىزمەتتە ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككىيلەن ھەقىقەتەن بىر يەردە ئىشلەپ باقمىغان، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇستەقىل ئۆزلىرىگە مەنسۇپ، شۇڭلاشقا ھەرئىككىلىسى بۇ ئىسىملىكنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا ھەقلىق. فارادېي 1791 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي ئامپىتون شەھىرىدە نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ساۋاتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ چىقارغان، 14 يېشىدا كىتاب تۈپلەيدىغان بىر زاۋۇتقا شاگىرتلىققا كىرگەن. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ يەردە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ چىققان. 20 يېشىدا ئەنگلىيىلىك مەشھۇر خىمىك دېۋىدنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان ھەمدە بۇ ئالىمغا قاتتىق ئىشتىياق باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېۋىدكە خەت يازغان، كېيىن ئۇ بۇ خىمىككە ياردەمچى بولغان. نەچچە يىلدىن كېيىن، فارادېي ئۆزىنىڭ كەشپىياتى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ماتېماتىكا ئاساسى كەمچىل بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق فىز - پراكتىكا ئالىمى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئېلېكتر ھەققىدىكى تۇنجى كەشپىياتى 1831 - يىلى ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇندىن 60 يىل ئىلگىرى، دانىيىلىك فىزىك ۋە خىمىك ئوئېرستىد توك ئۆتكۈزگۈچ سىمدىن ئۆتكەندە، ماگنىتلاشقان كومپاس ئىستىرېلكىسىنىڭ بىر تەرەپكە ئايلانغانلىقىنى بايقىغان. فارادېي شۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، ئەگەر ماگنىت مەيدانى مۇقىم بولسا، يۈكلىمە توك ئۆتكۈزگۈچ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. بىر قاتار ئەقلىي خۇلاسىلەردىن كېيىن، تالانتلىق بىر كەشپىيات ئاخىرى بارلىققا كەلدى، يەنى يۈكلىمە توك ئۆتكۈزگۈچ ئەتراپىدىكى ماگنىت مەيدانىنىڭ رولى بىلەن ئۆتكۈزگۈچ سىم توختىماي ئايلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، فارادېينىڭ بۇ كەشپىياتى دۇنيادا بارلىققا كەلگەن تۇنجى دىۋىگاتىلنىڭ نەق ئۆزى ئىدى. بۇ ئېلېكتر توكى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم جىسىمنى ئايلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. فارادېينىڭ بۇ كەشپىياتى گەرچە ئىپتىدائىي بولسىمۇ، بىراق ئۇ دۇنيادا تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئىشلىتىلىۋاتقان بارلىق دىۋىگاتىلنىڭ بوۋىسى ھېسابلىنىدۇ. فارادېينىڭ بۇ كەشپىياتى ئۇلۇغ بىر باشلىنىشتۇر. بىراق، ئەينى ۋاقىتتا، ئاككۇمۇلياتورغا تايىنىپ توك ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا، بۇ كەشپىياتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ناھايىتى چەكلىك بولغان. فارادېي چوقۇم ماگنىت كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقارغىلى بولىدىغان بىرخىل ئۇسۇل بار، دەپ قارايتتى. 1831 - يىلى ئۇ 10 كۈن ئىچىدە بىر قاتار تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە، ئېلېكتر ئىندۇكسىيىسىنى يەنى ماگنىت كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىندۇكسىيىلىك توك ھاسىل بولۇشنى ئىسپاتلاپ چىقتى. فارادېينىڭ ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيىسى قانۇنى فارادېينىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر
فارادېي | UyghurWiki | UyghurWiki