UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەركورتېس

كورتېس

يۈز مەشھۇر شەخىس 1485 - 1547 مېكسىكىنى بويسۇندۇرغۇچى كورتېس 1485 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مېدېللىن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى مەرتىۋىلىك ئادەم ئىدى. ياش ۋاقىتىدىلا سالامانكا داشۆسىدە قانۇن ئۆگەنگەن. 19 يېشىدا ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ، يېڭى زېمىنغا بايلىق ئىزلىگىلى بارغان، 1504 - يىلى يېراق دېڭىز سەپىرىگە چىقىپ، ئىسپانىيە ئارىلى (ھازىرقى سان - دومىنكو) غا بېرىپ، ئۇ يەردە كىچىك قورۇق ئىگىسى بولغان. 1511 - يىلى ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ كۇبانى بويسۇندۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، ئىسپانىيىنىڭ كۇبادا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسىنىڭ قېيىن سىڭلىسى بىلەن توي قىلغان، كېيىن سانتىياگو شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1518 - يىلى، كورتېس ئېكسپېدىيسىيە ئەترىتىنى باشلاپ مېكسىكىغا بېرىشقا بەلگىلىنىدۇ. بىراق، كورتېسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ھېلىقى باش ۋالىي ئۇنىڭ قارا نىيىتىدىن ئەنسىرەپ، ئەسىلىدىكى بەلگىلىمىنى بىكار قىلىپ، كورتېسنى بۇ ئېكىسپېدىسىيە ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. بىراق ئۇ كېچىككەن ئىدى. 1519 - يىلى 2 - ئايدا كورتېس 11 كېمە، 110 ناتروس، 355ەسكەر (بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 13 كىشىدە ناگان، 32 كىشىدە ئوقيا بار ئىدى)، 10 دانە ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەك، تۆت دانە يېنىڭ تىپتىكى زەمبىرەك ۋە 16 جەڭ ئېتى بىلەن مېكسىكىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ ئېكسىپىدىتسىيە ئەترىتى بىر جەمە كۈنى يۇكاتان دېڭىز قىرغىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ. قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، كورتېس قىرغاققا يېقىن جايدا بىرمەزگىل تۇرۇپ، مېكسىكىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاپ، مېكسىكىنىڭ ئازتېكلارنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى، پايتەختنىڭ ناھايىتى يىراق جايدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ، شۇنداقلا بۇ جايدا كان بايلىقلىرىنىڭ موللىقى، ئازتېكلارنىڭ ئۆزلىرىنى بويسۇندۇرغان قەبىلىلەرگە ئىنتايىن ئۆچ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. كورتېس ئالدى بىلەن ئازتېكلارنىڭ زېمىنىغا يۈرۈش قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. ئەسكەرلەر بۇ قېتىمقى تەۋەككۇلچىلىكتىن تەشۋىشلىنىدۇ. كورتېس ئۆزىنىڭ چېكىنمەي ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، بارلىق كېمىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئەسكەرلەرگە نىسبەتەن ياكى باش قوماندانغا ئەگىشىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ياكى ئىندىئانلارنىڭ قولىدا ئۆلۈشتىن باشقا تاللاش يولى يوق ئىدى. كورتېسنىڭ قوشۇنى ئالدى بىلەن بىر ئىندىئان قەبىلىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ئارقىدىن بۇ قەبىلە كورتېسنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ئۆزلىرىگە ئۆچ بولغان ئازتېكلارغا بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىدۇ. كورتېس پايتەختكە قاراپ داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، مېكسىكا پادىشاھى مۇنتېزۇما Ⅱ نى مەغلۇپ قىلىدۇ. بۇ پادىشاھ كورتېسقا ھۇجۇم قلىش پىلانى تۈزگەنىدى، لېكىن كورتېس بۇ ئىشتىن ئالدىن خەۋەر تاپقاچقا، مونتېزۇما Ⅱ نىڭ قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ، بىر يولىلا غەلبىگە ئېرىشىپ، پايتەختكە ئوڭۇشلۇق بۆسۈپ كىرىپ، مېكسىكا پادىشاھىنى تىرىك قولغا چۈشۈرىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا، بىر ئىسپانىيە قوراللىق قىسمى مېكسىكا دېڭىز قىرغىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، كورتېسنى تۇتماقچى بولىدۇ، كورتېس تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، بۇ قوراللىق كۈچنى مەغلۇپ قىىدۇ. كېيىن مېكسىكا ئىسپانىيىگە قارام دۆلەت بولۇپ قالىدۇ؛ ئاز تېكلارنىڭ كونا پايتەختنىڭ نامى مېكسىكا بولۇپ، ئىسپانىيە يېڭى مۇستەملىكىسىنىڭ پايتەختى قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر