چىن سىخۇاڭ
يۈز مەشھۇر شەخىس
مىلادىدىن بۇرۇن 259 - 210
جۇڭگو پادىشاھى چىن سىخۇاڭ مىلادىدىن 246 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن مىلادىدىن 210 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقىچە تەختتە ئولتۇرغان. ئۇ جۇڭگونى قورال كۈچىگە تايىنىپ بىرلىككە كەلتۈردى ۋە بىر يۈرۈش ھەل قىلغۇچ ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزدى. بۇ ئىسلاھاتلار شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالدى.
چىن سىخۇاڭ مىلادىدىن 259 يىل بۇرۇن تۇغۇلۇپ، مىلادىدىن 210 يىل بۇرۇن ۋاپات بولدى. بۇ پادىشاھنىڭ مۇھىم رولىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي ھالەتنى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. چىن سىخۇاڭنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى جۇ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ سۇلالە تەخمىنەن مىلادىدىن 1100 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان سۇلالە. چىن سىخۇاڭدىن ئىلگىرىكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە، جۇ سۇلالىسى زاۋاللىققا قاراپ مېڭىشقا باشلىغان. جۇڭگو نەچچەىگە پارچىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان فېئودال ئۇششاق بەگلىكلەر (دۆلەتلەر) بارلىققا كەلگەن.
فېئودال بەگلىكلەرنىڭ ئۆزئارا ئېلىشىشى بىلەن، نۇرغۇنلىغان فېئودال ئۇششاق بەگلىكلەر كەينى - كەينىدىن مۇنقەرز بولغان. يېغىلىق دەۋرىنىڭ بەگلىكلىرىدىن بىرى بولغان چىن بەگلىكى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. جۇغراپىيىۋى ئورنىنىڭ ياخشىلىقى ۋە ھۆكۈمرانىنىڭ ئىقتىدارلىقى تۈپەيلىدىن چىن بەگلىكى بارغانسېرى قۇدرەت اپتى، چىن سىخۇاڭ تۇغۇلغاندا، بۇ بەگلىك ئەڭ قۇدرەتلىك بەگلىك بولۇپ قالغانىدى. مىلادىدىن 238 يىل بۇرۇن، چىن سىخۇاڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. ئۇ ياراملىق ھەربىي قوماندانلارنى تاللاپ باشقا بەگلىكلەرگە كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. مىلادىدىن 221 يىل بۇرۇن، ئەڭ ئاخىرقى بىر بەگلىكنى يوقىتىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى ھوقۇق مەركەزگە يىغىلغان، تۇنجى بىرلىككە كەلگەن سۇلالىنى، يەنى چىن سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۆزىنى تۇنجى پادىشاھ مەنىسىدە <چىن سىخۇاڭ> دەپ ئاتىدى.
چىن سىخۇاڭ سۇيۇرغال بۆلۈپ بېرىش تۈزۈمى، ۋىلايەت (ئىنانچىلىق)، ناھىيە تۈزۈمىنى بېكىتىش، ئىنانچىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنى بىكار قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. دۆلەتنىڭ زور ئىشلىرىنى پادىشاھ باشقۇرۇش، مۇھىم ئەمەلدارلارنى پادىشاھ بىۋاسىتە تەيىنلەشنى يولغا قويدى؛ ھەرقايسى جايلارنىڭ مۇستەقىل كىنەزلىك قۇرۇۋېلىپ، پادىشاھقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئالماشتۇرۇۋەتتى. پايتەخت ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە تۇتۇشىدىغان يوللارنى ياساتتى. چىن سىخۇاڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن، ئەمر - پەرمان، ئۆلچەم سىستېمىسى، پۇل ۋە يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈردى. تۈز يوللارنى ياساش، ئېرىق - ئۆستەڭ قېزىش ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلدى.
مىلادىدىن 213 يىل بۇرۇن، ھۈنەرۋەنلىك، دېھقانچىلىق، تىبابەتچىلىك ۋە چىن سۇلالىسىنىڭ تارىخى، قانۇن - پەرمانلىرىغا ئائىت كىتابلاردىن باشقا، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى ۋە باشقا كىتابلارنى - بۇنىڭ ئىچىدە كۇڭزىنىڭ كىتابلىرى ۋە خەلقنىڭ ئىچىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى ئېقىملارنىڭ كىتابلىرىمۇ بار ئىدى، - كۆيدۈرۈۋېتىش پەرمانىنى چىقىرىش بۇ پادىشاھ قىلغان ئەڭ داڭلىق ئىش ياكى چىقارغان قارار دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
سىرتقا قارىتا سىياسەتتە، بۇ جەنۇبقا ياكى جۇڭگوغا تەۋە بولغان باشقا رايونلارغا زور كۆلەمدە كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. چىن سىخۇاڭنىڭ قوشۇنى جۇڭگونىڭ شىمالىي تەرىپىگە ئورۇنلاشقان بارلىق قەبىلىلەرنى مەغلۇپ قىلالمىسى. ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ شىمالىي دۆلەت چېگرىسىدىكى پارچە - پۇرات سېپىللارنى بىر - بىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە غايەت زور بىر سېپىل بارلىققا كەلدى. مانا بۇ تاھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان سەددىچىن سېپىلىدۇر. سەددىچىن سېپىلىنى ياساش ۋە كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش، چىن سىخۇاڭنى خەلقنىڭ باج سېلىقىنى ئېغىرلىتىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ چىن سىخۇاڭغا نارازىلىقى قوزغالدى، پولاتتەك مۇستەھكەم چىن سىخۇاڭ ھاكىمىيىتىگە بىۋاسىتە قارشىلىق كۆرسىتىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، چىن سىخۇاڭنى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى نەچچە قېتىم يۈز بەردى. بىراق، ئۇ ئەمەلگە ئاشمىغانىدى. مىلادىدىن 210 يىل بۇرۇن چىن سىخۇاڭ ۋاپات بولدى.
چىن سىخۇاڭ ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ياردەمچىسى، مەشھۇر لى سىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، لى سىنىڭ رولى ئۇنىڭ پادىشاھىدىن ئانچە قېلىشمايدۇ، بىز پادىشاھنى تىلغا ئېلىپ، ۋەزىرنى تاشلاپ قويساق بولماس. بۇ ئىككىيلەننىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشىنى چىن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ھالقىلىق ئامىلى دېيىش كېرەك. غەرب تارىخچىلىرى چىن سىخۇاڭنى ناپولېئونغا ئوخشىتىدۇ.