100. بور
يۈز مەشھۇر شەخىس
1885 - 1962
بور ئاتوم قۇرۇلمىسى نەزەرىيىسىنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن. بور 1885 ـ يىلى كوپېتھاگېندا تۇغۇلۇپ، 1911 ـ يىلى كوپېتھاگېن داشۆسىدە فېزىكا ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن كېمبىد داشۆسىگە بېرىپ ئېلېكتروننى كەشپ قىلغان ئەنگىلىيىلىك ئالىم تومۇننىڭ رەھبەرلىىكىدىكى تەجرىبىخانىسىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇزۇن ئۆتمەي مانچىستېرغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئاتوم يادروسىنى كەشىپ قىلغان رۇسېرفورد بىلەن بىللە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. رۇسېرفورد (ئىلگىرىكىسگە ئوخشمايدىغان قارىشى) ئاتومنىڭ ناھايىتى زىچ بولغان مۇسبەت ئېلېكترونلۇق كىچىك يادروسى بولىدۇ، ئۇ ئاتوم يادروسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاتوم يادروسىغا ئاتومنىڭ ھەممە ماسسىسى دېگۈدەك توپلاشقان بولىدۇ؛ ئاتوم يادروسىنىڭ ئەتراپىدا ھەم يېنىك ھەم كىچىك مەنپىي ئېلېكترون بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭ بىلەن بور ناھايىتى تېزلا ئاتوم قۇرۇلمىسى توغرىسىدىكى يېڭى نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بور مۇنداق دېگەنىدى: ئاتومنىڭ قۇرۇلمىسى خۇددى كىچىكلىتىپ قويغان قوياش سىستېمىسىغا ئوخشىشىدۇ. ئېلېكترون ئاتۇم يادروسى (قۇياشقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ) نىڭ ئەتراپىدىكى ئوربىتا بويىچە ئايلىنىدۇ. لېكىن قوياش ئايلىنىۋاتقان پلانېتلارنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن ئاتۇم يادروسىنى مەركەز قلىپ ئايلىنىۋاتقان ئېلېكترونلارنىڭ ئايلىنىدىغان ئوربىتلىرىنىڭ مەلۇم ئېنېرگىيىسى بولىدۇ. ئاتۇم بىر وربىنىدىن يەنە بىر ئوربىتىغا ئۆتكەن چاغدا نۇر چاقنىغانلىقى ئاتوم ئاتلاش ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
بورنىڭ نەزەرىيىسى كلاسسىك فىزىكا نەزەريىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نۇرغۇن ئالىملار، مەسىلەن ئېينىشتېيىن قاتارلىقلار بورنىڭ نەزەرىيىسىنى ياقلايدىانىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ نەزەريىسىنى ئېلىم ـ پەن گۆھىرى دەپ ھېسابلىغانىدى. ھېلىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بورنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرى ھېسابتا يەنە ئۇنىڭ نەزەريىسىنى قوبۇل قىلغانىدى. 1922 ـ يىلى، بور ئاتوم قۇرۇلمىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى تۈچەيلىدىن نوبىلفىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1920 ـ يىلى كوپېنھاگېن نەزەرىيىۋى فىزىكا تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغان چاغدا، بور مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. بورنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۇ تەتقىقات ئورنى زور تۈركۈمدىكى مۇنەۋۋەر ياش ئالىملارنى قوبۇل قىلىپ، ناھايىتى تېزلا دۇنيا ئاتوم فىزىكىسى مەركىزىگە ئايلانغان.
لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بورنىڭ نەزەرىيىسى يەنە تۈرلۈك قىيىم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. ھىدوروگېن ئاتومى پەقەت ئېلېكتروندىنلا ئىبارەت دەپ قارىغان، لېكىن بۇ باشقا ماددىلارغا ئىشلىتىلمەيتتى. ئالىملار بورنىڭ ئۆز نەزەرىيىسىنى تۈزىتىۋېتىلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تۈزىتەلمىگەنىدى.
بۇ قىيىن مەسىلىنى خېسىنبو ھەل قىلدى. خېسبو كوپېھاگېندا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ بور بىلەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق ناھايىتى زور نەتىجىگە ئېرىشكەن. بورمۇ خېستبو ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى قاراشنى قارشى ئالغان.
1930 ـ يىلى، بور ئۆزىنىڭ دىققەت ـ ئېتىبارىنى ئاتوم يادروسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا مەركەزلەشتۈرگەن. ئۇ يادرو رېئاكسىيىسى داۋامىدا ئاتوم يادروسى قۇرۇلمىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۇنجى قېتىم رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنت ئۇراننىڭ ئىزوتوپى ئۇران ـ 235 بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئاتومنىڭ پارچىلىنىشىغا مەسئۇل بولغان، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ نەزەرىيە ئاتوم بومبىسى ياساشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.