UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەركالۋىن

كالۋىن

يۈز مەشھۇر شەخىس 1509 - 1564 كالۋىن فرانسىيلىك تېئولوگ بولۇپ، 16 - ئەسىردىكى غەربىي ياۋرۇپا دىننىي ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە يۈرگۈزگەن پىكرى 400 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق ئىنقىلابقا سەۋەبچى بولدى. كالۋىن تېئولوگىيە، ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى، شەخسىي ئەخلاق، خىزمەت ئادەتلىرى قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ناھايىتى زور شۆھرەت قازانغان ھەمدە كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا نۇرغۇن يىللار تەسىر كۆرسەتكەن. كالۋىن 1509 - يىلى فرانسىيىنىڭ نېۋايىن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، پارىژ شۆيۈەنى ۋە ئورلىئان داشۆسىدە قانۇن ئۆگەنگەن ھەمدە بورگىستا ئاتاقلىق قانۇنشۇناسلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان. كالۋىن سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى، ليۇتېر <95 ماددىلىق تىزىس> نى ۋىتتېبېرگ چېركاۋىنىڭ دارۋازىسىغا چاپلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىروتېستانت دىنى ئىسلاھاتىنىڭ ئۇلىنى سالغان، كالۋىن ياشلىق دەۋرىدە ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ پىروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇ ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پارىژدىن ئايرىلىپ، شۋېتسارىيىنڭ بازېل دېگەن يېرىدە ئەسلى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان. كالۋىن ئۇ يەردە تېئولوگىيە ئۆگىنىشكە بېرىلىپ كەتتى. 27 يېشىدا ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى <خرىستىئان دىنىنىڭ پرىنسىپلىرى> دېگەن كىتابنى ئېلان قىلدى. بۇ كىتابتا ئۇ پروتسېتات دىنىنىڭ نوپۇزلۇق باياناتچىسى بولۇپ قالغان. 1536 - يىلى كالۋىن پروتېستانت دىنى كەڭ تارقالغان ۋە مۇستەھكەملەنگەن جەنۋەنى زىيارەت قىلدى. تەكلىپكە بىنائەن <ئىنجىل> دىن دەرس بەرگەن. بىراق ئۇ دىنىي ئىسلاھاتنى يۈرگۈزۈشتە بەك ئالدىراپ كەتكەنلىكتىن كالۋىن بىلەن جەنۋەلىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولغان. 1538 - يىلى كالۋىن جەنۋەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. بىراق 1541 - يىلغا كەلگەندە ئۇ يەنە جەنۋەگە تەكلىپ قىلىنغان. تاكى 1564 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكۈنچە ئۇ بۇ يەرنىڭ دىننىي داھىيسى ۋە خېلى ئابرويلۇق سىياسىي داھىيسى بولۇپ قالغان كالۋىن جەنۋەدە ئىستىبدات بولۇۋالمىغانىدى. چۈنكى، جەنۋە شەھىرى پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. شۇنداقلا 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر كومىتېت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇراتتى. كالۋىن بولسا بۇ كومىتېتنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئەگەر بۇ كومىتېتىكى كۆپ ساندىكى ئەزالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىسە ھەر ۋاقىت ئەملىدىن ئېلىپ تاشلىنىش خەۋپى بار ئىدى (دەرۋەقە 1538 - يىلى قوغلاندى قىلىنغان). پەقەت 1555 - يىلدىن كېيىن كالۋىن ئاندىن جەنۋەدە ئۆزى خالىغانچە ئىش يۈرگۈزەلەيدىغان ھۆكۈمرانغا ئايلاندى. كالۋىننىڭ رەھبەرلىكىدە، جەنۋە ئوتتۇرا ياۋرۇپادا پروتېستانت دىنىنىڭ ئەڭ چوڭ مەركىزى بولۇپ قالدى. كالۋىن باشقا دۆلەتلەرگە بولۇپمۇ فرانسىيىگە پروتېستانت دىنىنى داۋاملىق تارقىتىپ، جەنۋەنى <پرۇتېستانت دىنىنىڭ رىمى> غا ئايلاندۇرماقچى بولدى. كالۋىن دىننىي ئېتىقادتا كەچۈرۈمچىلەردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ قارشى چىققۇچىلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن تاقابىل تۇراتتى، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانى سېرژىت بولغان. سېرۋىت ئىسپانىيلىك تېئولوگ، چىش دوختۇرى بولۇپ، ئۇ ئۈچ بىرلىك تەلىماتىغا ئىشەنمەيتتى. سېرۋىت 1553 - يىلى جەنۋەگە كەلگەن، كالۋىننىڭ پائالىيەت قىلىشى تۈپەيلىدىن، ئۇ <بىدئەت> دەپ ئەيىبلىنىپ، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، كالۋىن ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت گۇمان قىلىش بىلەنلا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. كالۋىن 1564 - يىلى جەنۋەدە ئۆلگەن، ئۇنىڭ ئايالى 1549 - يىلى ئۆلگەن، ئۇ بىرلا پەرزەنت كۆرگەن، ئۇنىڭ بۇ بالىسى تۇغۇلۇپلا ئالەمدىن ئۆتكەن. كالۋىننىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ بىۋاستە سىياسىي پائالىيەتلىرىدە بولماستىن، بەلكى بۇ بېكىتكەن ۋە ئېلان قىلغان سىياسەتلەردە، ئۇمۇ لۇتېرغا ئوخشاش رىم كاتولىك دىنى چېركاۋىنىڭ نوپۇزىنى ئىنكار قىلىپ، <ئىنجىل> نىڭ نوپۇزى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر