UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەرئاۋسوكا

ئاۋسوكا

يۈز مەشھۇر شەخىس مىلادىدىن بۇرۇن 300 - 232 ئاسوكا كىشىلەرنى ئىناق ئۆتۈشكە، بارلىق دىنىي مەزھەپلەرنى ھۈرمەت قىلشقا، ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ئۆز ئەكىنلىكى بويىچە ئىش كۆرۈشكە يول قويۇشقا دەۋەت قىلاتتى. بولۇپمۇ كىشىلەرنى ئەينى زاماندا كەڭ تارقالغان بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغانىدى. ئاسوكا - ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھ. ئۇ ماۋۇريا سۇلالىسىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد پادىشاھى بولۇپ، مەزكۇر خاندانلىقنىڭ ئاساس سالغۇچىسى چاندارگۇپتانىڭ نەۋرىسى ئىدى. جاندىراگۇپتا بىر ھەربىي قوماندان ئىدى، ئۇ ئىسكەندەر زۇلقەرنەين قوماندانلىق قىلغان ئۇرۇشلاردىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە، شىمالىي ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسم رايۇنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ھىندىستاندا ماگاردخا ئىمپېرىيىسى (توز ئىمپېرىيىسىمۇ دېيىلىدۇ) نى قۇرغان. ئاسۇكانىڭ تۇغۇلغان يىل ئېنىق ئەمەس. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 300 - يىلى تۇغۇلۇپ تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 273 - يىللىرى پادىشاھ بولغان بولۇشى مۇمكىن. دەسلەپتە، ئاسوكا بوۋىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، داۋاملىق ئەسكەر تارتىپ ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق زېمىن ئاچقۇچى بولغان. ئەمما ئۇ 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى كۆرۈپ بىردىنلا توۋا قىلىپ، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلماسلىق، ئەكسىچە بارلىق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كېلىپ، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، <بۇددىدارما> ئەقىدىلىرى(بۇ بۇددا دىنىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ساداقەتلىك، رەھىمدىللىك ۋە زورلۇق قىلماسلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولغا قويۇشقا تىرىشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاسوكانىڭ ئوۋ ئوۋلاش پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ، گۆش يېمەي پەرھىز تۇتقانلىقىنى بايقىدۇ. ئۇ دۇختۇرخانا ۋە ھايۋانلار پاناھلىنىدىغان جايلارنى تەسىس قىلغان. نۇرغۇنلىغان ئادالەتسىز قانۇنلارنىڭ زىيانكەشلىك دەرىجىسىنى يېنىكلەتكەن. ئۇ يەنە يول ياساتقۇزغان، كىشىلەرنى تېرىقچىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، <بقۇددىدارما> ئەمەلدارلىرىنى تەيىنلىگەن. ئۇلارنى دىننىي ئەقىدىلەرنى كىشىلەرگە تەشۋىق قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنى ئىناق ئۆتۈشكە دەۋەت قىلغۇزغان. ئۇ بارلىق دىنلارغا كەڭ قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان، بارلىق دىننىي مەزھەپلەرگە ھۈرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ئىش كۆرۈشكە يول قويغان. بولۇپمۇ ئەينى زاماندا كەڭ تارقالغان بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا ئىلھام بەرگەن. ئۇ يەنە دىن تارقىتىش ئۈچۈن سىرت جايلارغا مۇرىتلىرىنى ئەۋەتكەن. لېكىن دىن تارقىتىش ئىشى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان جاي سەيلۇن ئىدى. ئاسوكا پەرمان چۈشۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئىدارە قىلغان سىياسەتلىرىنى قىيا تاشلارغا ۋە تاش تۈۋرۈكلەرگە ئويدۇرغان. تاش ئويمىلار ئىمپېرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە ساقلانماقتا. تاش ئويمىلارنىڭ تارقالغان جۇغراپىيلىك ئورنى بىزگە ئەينى زاماندىكى ئاسوكا دۆلىتىنىڭ دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تاش ئويمىلارنىڭ مەزمۇنى بىزنىڭ ئاسوكانىڭ ھاياتى ۋە تۆھپىلىرىنى چۈشىنىمىزدە ھەم ئاساس ۋە مەنبە ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ تاش ئابىدىلەر ئاز تېپىلىدىغان قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇمىدۇر. ئاسوكا ئالەمدىن ئۆتۈپ بەش يىلدىن كېيىن ماۋۇريا ئىمپېرىيىسى تەلتۆكۈس يىمىرىلدى. بىراق، ئاسوكا بۇددا دىنىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقى ۋەجىدىن ئۇنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەقىقەتەن ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئاسوكا خانلىق تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، بۇددا دىنى تېخى ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر جايدا تارقالغان كىچىك بىر دىننىي مەزھەپ ئىدى. ئاسوكانىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇ ۋاپات بولغان مەزگىللەردە ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەمدە قوشنا ئەللەردە بۇددىستلار پەيدا بولغانىدى. ئاسوكا بۇددا دىنىنى دۇنياۋى دىن قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغان (بۇددا دىنىنىڭ ئاساسچىسى گائۇتامادىن قالسا) تۇنجى شەخس ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر
ئاۋسوكا | UyghurWiki | UyghurWiki