جېففېرسون
يۈز مەشھۇر شەخىس
1743 - 1826
ئامېرىكىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى، <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> نى يېزىپ چىققۇچى جېففېرسون 1743 - يىلى ۋېرگىنىيە شتاتىنىڭ شادۇئېلل شەھىرىدە تۇغۇلغان.
ئۇنىڭ ئاتىسى توپۇگراف، داڭلىق فېرمىر بولۇپ، ئوغلىغا چوڭ بىر قورۇق قالدۇرغان. جېففېرسۇن ۋىللىئام ۋە مارى شۆيۈەنلىرىدە ئىككى يىل ئوقۇغان، ئەمما ئالىي مەكتەپ دىپلومىغا ئېرىشەلمىگەن. كېيىن يەنە بىر نەچچە يىل قانۇن ئۆگەنگەن، 1767 - يىلى ۋېرگىنىيە شتاتىدا ئادۋۇكاتلىق سالاھيىتىگە ئىگە بولغان، يەتتە يىلدەك بىر تەرەپتىن ئادۋۇكاتلىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن قورۇق باشقۇرغان. شۇ يىلى مۇستەمىكە پارلامېنىغا كىرىپ، ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
1774 - يىلى ئۇ <ئەنگىلىيىگە قارام ئامېرىكا قىتئەسى ھوقۇقى ھەققىدە بايان> ناملىق تۇنجى ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىككىنچى يىلى ۋېرگىنىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە فىلادېلفىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2 - قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. 1776 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> نى يېزىپ چىقىدۇ. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ۋېرگىنىيە پارلامېنتىغا قايتىپ كېلىپ، بىر قانچە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى بېكىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئۇ مائارىپ ۋە دىننىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىدە ئۆزىگە خاس قاراشقا ئىگە ئىدى. پارلامېنتقا كىرگەندىن كېيىن ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا دوللىرىنى ئونلۇق سىستېمىغا ئۆزگەرتىش لايىھىسى ماقۇللىنىدۇ. ئەمما ئۆلچەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى لايىھىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. كېيىن ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى شتاتلاردا قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپى پەقەت بىر بىلەت پەرق بىلەن رەت قىلىنىدۇ. 1784 - يىلى جېففېرسون فرانسىيىگە بېرىپ، دىپلوماتىيە ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، بەش يىلنى پارىژدا ئۆتكۈزىدۇ.
1789 - يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ بىلەن مالىيە مىنستىرى ئوتتۇرىسىدا سۈكىلىش پەيدا بولىدۇ. جېففېرسون مالىيە مىنىستىرى خامىلتوننىڭ سىياسىتى ئاساسىي قانۇن بەرگەن ھۆكۈمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتتى دەپ ئەيىبلىنىدۇ. بۇ ھەر ئىككىيلەننىڭ زور بىر تۈركۈم تەرەپدارلىرى بولۇپ، جېففېرسوننى قوللىغۇچىلار بىر پارتىيە تەشكىللىگەنىدى. بۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى داڭلىق دېموكرات جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئىدى.
1796 - يىلى، جېففېرسون زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلالماي، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولىدۇ.
1800 - يىلى، جېففېرسون ئىككىنچى قېتىملىق سايلام رىقابىتىدە غەلىبە قىلىپ، ئىككىنچى يىلى زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلىنىدۇ.
جېففېرسون ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئەسلىدىكى رەقىبلىرى بىلەن كېلىشىپ قېلىشقا مايىل ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ نەمۇنىسنى ياراتتى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، فرانسىيىدىن لۇئىزانا شتاتىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلىپ، ئامېرىكا زېمىنىنى بىر ھەسسىگە يېقىن كېڭەيتتى. بۇ ناپولېئون دەرىدە فرانسىيە ئامېرىكىغا سېتىپ بەرمەكچى بولغان زېمىن ئىدى.
جېففېرسون 1804 - يىلى ئۇدا زۇڭتۇڭ بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى قېتىم سايلىنىشنى خالىمىدى.
جېففېرسون سىياسىي ئىقتىداردىن باشقا يەنە كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى. ئۇ بەش ئالتە چەت ئەل تىلىنى پىششىق بىلەتتى.
جېففېرسون تەبىئىي پەنلەر ۋە ماتېماتىكىغائەھمىيەت بېرەتت، شۇداقلا ئۇستا ئاگرانوم بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىچە تېرىقچىلىق قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانغانىدى.