ئارېستوتىل
يۈز مەشھۇر شەخىس
مىلادىدىن بۇرۇن 384 - 321
ئارېستوتىل قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ ۋە ئالىم. ئۇ فورمال لوگىكىنى بەرپا قىلغان. ئۇ ئېنسىكلوپېدست مۇتەپەككۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەلسەپىنىڭ ھەرقايسى تارماق پەنلىرىنى بېيىتتى، ئۇنىڭ تۆھپىسى نۇرغۇنلىغان پەنلەردە كۆرۈلىدۇ. ئۇ نۇرغۇن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى.
ئارېستوتىلنىڭ نۇرغۇن ئىدىيىلىرى ھازىر كونىراپ كەتتى ۋە يوقالدى. بىراق بەزى نەزەرىيىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئۇنىڭ ئۆز ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئەقلىي ئۇسۇلىدۇر. ئارېستوتىلنىڭ ئەسەرلىرى ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەتتىكى بارلىق ھادىسىلەرگە چېتىلىدۇ. ھەرقانداق ئەھۋال ئۇ تەپەككۈر ۋە ئانالىز دائىرىسىدە بولىدۇ، دەپ قارايتتى.
ئارېستوتىل ئالەم ئىلاھ ياكى تەقدىر ۋە سېھىرگەرلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولماستىن، مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەربىر ساھەگە تەن بەرمەستىن، تەجرىبە ۋە لوگىكىلىق ئانالىز يۈرگۈزۈش ئارقىلىق تېگىشلىك يەكۈنگە ئېرىشىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇ ئەنئەنە، خۇراپىيلىق ۋە قائىدە - يوسۇنلارغا قارشى تەشەببۇسلار غەرب مەدەنىيىتىنىڭ خاھىشى ۋە مەزمۇنىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
ئارېستوتىل مىلادىدىن 384 يىل بۇرۇن ماكېدونىيىنىڭ ستاجرا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ماكېدونىيە پادىشاھىنىڭ ساراي ئەمچىسى ئىدى. ئۇ 17 يېشىدا ئافېناغا بېرىپ، ئەپلاتون ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇغان. بۇ مەكتەپتە ئۇ 20 يىل ئۆگەنگەن. ئەپلاتون ۋاپات بولۇپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ يەردىن كەتكەن، ئارېستوتىل دادىسىدىن تۇرمۇش بىلىملىرى ۋە ئەمەلىيەت بىلىملىرىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئەپلاتوندىن پەلسەپىۋى ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆگىنىۋالغانىدى.
مىلادىدىن 342 يىل بۇرۇن، ئارېستوتىل ماكېدونىيىگە قايتىپ كېلىپ، 13 ياشلىق شاھزادە ئالېكساندىرغا ئاتالىق بولدى؛ بۇ شاھزادە كېيىنكى چاغلاردىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئىدى... ئارېستوتىل شاھزادىنى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق تەربىيلىدى.
مىلادىدىن 335 يىل بۇرۇن ئىسكەندەر تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئارېستوتىل ئافېناغا قايتىپ كېلىپ مەكتەپ ئاچتى، بۇ يەردە ئۇ 21 يىل تۇردى؛ بۇ ۋاقىتتا، ئىسكەندەر زولقەرنەيىن ھەربىي كېڭەيمىچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. قارىغاندا ئىسكەندەرنىڭ ئۇستازىدىن داۋاملىق تەلىم ئالغۇسى يوقتەك قىلاتتى. ئۇ ئۇستازىنىڭ داۋاملىق ئىلىم - پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى نۇرغۇن ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەندى، ئالىملارنىڭ دۆلەتنىڭ مالىيىسىگە تايىنىپ ئىلىم - پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشى تارىختىكى تۇنجى ئىش ئىدى. شۇنىڭدەك شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە ئەسىر ئىچىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال ئىدى.
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئارېستوتىلنىڭ كۈنبويى ئىسكەندەر بىلەن بىرگە بولۇشى ناھايىتى خەتەرلىك ئىش ئىدى. ئارېستوتىل ئىسكەندەرنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىق ھۆكۈمرانلىق يولىغا قارشى ئىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئارېستوتىلنىڭ جىيەنىنى ئاسىيلىق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندا، ئارېستوتىل خۇددى ئۆزىنى ئۆلتۈرگەندەك بولۇپ كەتكەنىدى. ئارېستوتىل بىلەن ئىسكەندەرنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقى، ئافېنالىقلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى. مىلادىدىن 323 يىل بۇرۇن، ئىسكەندەر زولقەرنەيىن ۋاپات بولدى، شۇنىڭ بىلەن ماكېدونىيىگە قارشى ھەرىكەت يەنە بىر قېتىم ئەۋج ئالدى. قوزغىلاڭچىلار ئافېنانى ئىگىلىۋالدى. ئارېستوتىل ئۆزىنىڭ ھىچ ئامال قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە 76 يىل ئىلگىرىكى سوقراتنىڭ تەقدىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئافېنالىقلارغا <پەلسەپىگە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن> دېگەن باھانە تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، بۇ شەھەردىن جىملا كېتىپ قالدى. نەچچە ئاي پاناھلىنىپ يۈرۈپ، مىلادىدىن 322 يىل بۇرۇن 62 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئارېستوتىلنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تۆھپىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ 170 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان، ئۇنىڭدىن 47 پارچىسى ساقلىنىپ قالدى. گەپ ئەسەرنىڭ ئاز - كۆپلۈكىدە ئەمەس. مۇھىمى ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ چەكسىز موللىقىدا، بۇنىڭغا ھەرقانداق ئادەم قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ ئىلىم - پەن ئەسەرلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم - پەن ئېنسكلوپېدىيىسىنى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاسترونومىيە، زوئولوگىيە، ئېمبىرىئولوگىيە، جۇغراپىيە، يەر قاتلىمى تېكتونىكىسى، فىزىكا، ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرگە چېتىلىدۇ. قىسقىسى، قەدىمكى گرېكلەرگە مەلۇم بولغان ھەرقايسى پەنلەر ۋە ھەرخىل بىلىم ساھەسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ئۇ ھەقىقىي بىر پەيلاسوپ، پەلسەپىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئۇنىڭ زور تۆھپىسى بار.