Ⅰيوستىنئان
يۈز مەشھۇر شەخىس
483 - 565
ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى يوستىنئان Ⅰ <يوستىنئان Ⅰ قانۇنلار توپلىمى> (يەنە <دۆلەت قانۇنى قامۇسى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) نى تۈزۈپ چىقىش بىلەن نامى چىققان. بۇ قانۇنلار توپلىمى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش جەھەتتىكى تالانتىنىڭ جەۋھىرى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋرۇپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلارنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكىمۇ ئاساسى. دۇنيادىكى ھەر قانداق قانۇن تېخىچە <يوستىئان قانۇنلار توپلىمى> گە ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك ئېتىبارغا ئېلىنىپ باقمىغان.
يوستىنئان 483 - يىلى تولېسودىكى (ھازىرقى يۇگۇسلاۋىيىدە) دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ يوستىن Ⅰ نىڭ جىيەنى ئىدى. يوستىن Ⅰ بىر ساۋاتسىز دېھقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلالمىغاچقا، ئاخىرقى ھېسابتا شەرقىي رىم ئېمپېراتورى بولغان. يۇستىئان يېزىدا چوڭ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئوبدان تەربىيە كۆرگەن. تاغىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ناھايىتى تېزلا ئىمپېراتورنىڭ ياردەمچىسى بولغان. تاغىسى يوستىن Ⅰ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن 527 - يىلى يۇستىنئان بىردىنبىر پادىشاھ بولغان.
476 - يىلى يەنى يوستىنئان تۇغۇلۇشتىن يەتتە يىل بۇرۇن، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى بەربەرلەرنىڭ قولىدا بەربات بولۇپ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىلار قەپقالغان، پايتەختى كونستانتىنپول ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان. شۇكا، يوستىنئان بەربەرلەر ئىگىلىۋالغان زېمىنىنى قايتۇرۋېلىپ بىرلىككە كەلگەن رىم ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىغا كەلگەن. يوستىنئاننىڭ پىلانى قسىمەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بەربەرلەرنىڭ قولىدىن ئىتالىيە، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇۋالغان.
مېنىڭ يوسىنئان Ⅰ نى بۇ ئىسىملىككە كىرگۈزۈشۈم، ھەرگىز ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى نەتىجىسىنى كۆزدە تۇتقاندىن بولغان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رىم قانۇنلار توپلىمىنى تۈزۈپ چىقىشتىكى پېشۋالىق رولىنى كۆزدە تۇتقانلىقىمدىن بولغان. 528 - يىلى يەنى يوستىنئان تەختكە چىققان ئىككىنچى يىلى، ئىمپېرىيىنىڭ قانۇنلار قامۇسىنى رەتلەش ۋە تۈزۈپ چىقىشقا مەسئۇل بولۇشنى مەخسۇس بىر ھەيئەتكە ھاۋالە قىلغان. 529 - يىلى <يۇستىنئان قانۇنلار توپلىمى> نەشىر قىلىنغان. 533 - يىلى <تەلىماتلار توپلىمى> نەشىر قىلىنغان. 534 - يىلى <يوستىنئان قانۇنلار توپلىمى> قايتىدىن نەشىر قىلىنغان. سېلشتۇرۇش، تۈزۈش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇنلار توپلىمى ۋۇجۇدقا كەلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى <قانۇنلار توپلىمى> غا كىرگۈزۈلمىگەن قانۇن پەرمانلارنى بىكار قىلغان. <يۇستىنئان قانۇنلار توپلىمى>، <قانۇنلار توپلىمى>، <تەلىماتلار توپلىمى> (يەنى رىم قانۇنشۇناسلىق ئەسەرلىرى توپلىمى)، <تىلشۇناسلىق ئومۇمىي نەزەرىيىسى> (ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قانۇن دەرسلىكى) ۋە قانۇنلار توپلىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى <يېڭى قانۇن> دىن ئىبارەت تۆت ئەسەردىن تەركىب تاپقان. <يېڭى قانۇن> غا يوستىنئان قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن، يوستىنئان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن رەسىمىي نەشىر قىلىنغان.
يوستىنئان ئۇرۇش ۋە مەمۇرىي ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ يۈرگەچكە، <قانۇنلار توپلىمى> نى تۈزۈش ئىشىغا چولىسى تەگمىگەن، شۇڭا، بۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى قانۇنچىلىق مۇتەخەسىسى ترىپونىئاننىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان.
يوستىنئان دىققەت - ئېتىبارىنى ھۆكۈمەتتىكى چىرىكلىشىش ئىستىلىغا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سودىنى ۋە سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، قورغان، مۇناستر ۋە چېركاۋلارنى سالغان. كونستانتىنولدىكى ئاتاقلىق سانت سوفىيە چوڭ چېركاۋىمۇ شۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زور مەلبەغ سەرپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، باج ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن نۇرغۇن جايلار توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، يوستىنئاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتەي دەپ قالغانىدى. يوستىنئان توپىلاڭنى باستۇرغاندىن كېيىن، ھۆكۈمرانلىق ئورنى مۇقىملاشقان ئىدى. 565 - يىلى، يوستىنئان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پۇقرالار ئازراق ئارامچىلىق ھېس قىلغانىدى.