فروئىد
يۈز مەشھۇر شەخىس
1856 - 1939
روھىي ئانالىزاتىيىسىنىڭ ئاساسچىسى فروئىد 1856 - يىلى، ئەسلى ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە، ھازىر چېخوسلوۋاكىيە تەۋەلىكىدىكى فرېيبورگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ تۆت يېشىدا ئائىلىسى بىلەن بىرگە ۋىناغا كۆچۈپ بېرىپ، پۈتۈن ھاياتىنى ئاساسىي جەھەتتىن شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. فروئىدنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى ئىدى. 1881 - يىلى ئۇ ۋېنا داشۆسىدە تىببىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالدى. كېيىنكى ئون يىل داۋامىدا، فروئىد ئۇدا فىزىئولۇگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ دەسلەپتە روھىي كېسەللىكلەر ئامبۇلاتۇرىيىسىدە ئىشلەپ، كېيىن ئۆزى ئامبۇلاتۇرىيە ئېچىپ، مەخسۇس روھىي كېسەللەرنى داۋالىغان.
فروئىدنىڭ پىسخولوگىيە ئىدىيىسى تەدرىجىي تەرەقققىي قىلىپ، 1895 - يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى <ھېستېرىيە تەتقىقاتى> نى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئەسىرى <چۈش تەبىرى> 1900 - يىلى ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئامېرىكىغا دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قلىنغاندىن كېيىن، بىراقلا داڭقى كېتىدۇ. ئۇ ۋېنادا روھىي ئانالىز جەمئىيىتى تەسىس قىلغان. ئاۋسترىيىلىك روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى ئادلېر بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ پىشقەدەم ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىدى. كېيىن شۋېتسارىيىلىك پىسىولوگ كې مۇ بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولغان. بۇ ئىككى ئالىم كېيىن دۇنياغا مەشھۇر پىسخولوگلاردىن بولۇپ قالدى.
فروئىد ئۆيلەنگەن ۋە ئالتە پەرزەنت كۆرگەنىدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئېغىز بوشلۇقى راكىغا گرىپتار بولۇپ، 1923 - يىلدىن ئېتىبارەن 30 نەچچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان، شۇنداقتىمۇ ئۇ بوشاشماي ئىشلەپ، نۇرغۇن مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. 1938 - يىلى ناتسىستلار ۋېنانى بېسىۋالغاندىن كېيىن، فروئىد - 82 ياشلىق بۇ يەھۇدىي بوۋاي لوندۇنغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ياندۇرۇقى يىلى بۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى.
فروئىدنىڭ پىسخولوگىيە پېنىدە كۆرسەتكەن تۆھپىسى غايەت زور، ئۇنى تىل بىلەن يەكۈنلەش قىيىن. ئۇ ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئىنساننىڭ قىلمىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە بۇ خىل يوشۇرۇن ئاڭ كىشىلەرنىڭ چۈشىگە، خاتا سۆزلەپ قېلىشى، ئىسىملارنى ئۇنتۇپ قېلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىدىغان قىسمەن ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ھەتتا قىسمەن كېسەللىكلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتكەنىدى.
فروئىد روھىي ئانالىز تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى نېرۋا كېسەللىكلىرىنى داۋالاندىغان بىر خىل ئۇسۇل قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئىنساننىڭ خاسلىقىغا ئائىت نەزەرىيىنى بەرپا قىلىپ چىقتى. بىئاراملىق بېسىم ۋە ھاياجانلىنىشقا ئائىت پىسخولوگىيە نەزەرىيىسىنى ئاددىيلاشتۇردى. ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسى دەسلەپتىلا كەسكىن مۇنازىرىگە سەۋەبچى بولغانىدى.
ئۇ ئالدى بىلەن بېسىمغا ئۇچرىغاندا جىنسىي ھېسىياتنىڭ روھىي كېسەللىك ۋە نېرۋا كېسەللىكلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە جىنسىي ھاياجانلىنىش بالىلاردا، ھەتتا بوۋاقلاردا تېخىمۇ كۆپ ئىپادىلىنىدۇ، بۇ يەنى بىز دائىم دەيدىغان <ئويدىپۇس ھالىتى> دېگەن شۇ، دېگەنىدى.
فروئىدنىڭ نۇرغۇن ئىدىيلىرى يەنىلا مۇنازىرە ئۈستىدە تۇرۇۋاتقاچقا، ئۇنىڭ تارىختىكى ئورنىنى بېكىتىش قىيىن. گەرچە ئۇ پىسخولوگىيە ساھەسىنىڭ پىشۋاسى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ نەزەرىيىسى (دارۋىن، پاسترلارنىڭ ئەكسىچە) ئىلىم - پەن ساھەسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ قىسمەن ئىدىيىسىنىڭ ئىلىم - پەن ساھەسىنىڭ قايىل بولۇشى ۋە ئۇنىڭ توغرىلىقىنى ئېتراپ قىلىشنى مۆلچەرلەش قىيىن.
شۇنداقتىمۇ، بىز فروئىدنىڭ ئىنسانىيەت ئىدىيە تارىخىدىكى كاتتا بىر شەخس ئىكەنلىكىدىن قىلغچە شۇبھىلەنمەيمىز. ئۇنىڭ كاتتا تەلىماتلىرى، داۋالاش تېخنىكىسى ۋە ئىنسان قەلبىگە يوشۇرۇنغان نەرسىلەرگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى، پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدا يېڭى بىر ساھە بەرپا قىلىدى. ئۇنىڭ ياراتقان تەلىماتى، ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە بولغان قاراشنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان، مەسىلەن، <ئىد>، <ئۆز - ئۆزى>، <ئۆزىدىن ھالقىش> دېگەندەك دۇنياۋى ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە ئىبارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.